ما يۈن پۈتۈن بايلىقىنى بانكىدا قويسا بىر كۈندە قانچىلىك ئۆسۈمى چىقىدۇ؟
0
2009-03-12 00:00:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ پاي چېكى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ما يۈن جۇڭگودىكى ئەڭ پۇلدار كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. جۇڭگودىكى بىرىنچى بايغا ئايلانغاندىن كېيىن، ما يۈن «ھازىر مەن ئۈچۈن پۇل تېپىش ئاسان، پۇل خەجلەش تەس بولۇپ قالدى» دېگەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزى جۇڭگودىكى سان-ساناقسىز كىشىلەرنىڭ كۆزىنى قىزارتقان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ما يۈننىڭ سۆزلىرىدىكى «پۇل خەجلەش» ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىكى خەجلەش ئەمەس، بەلكى بۇ پۇللارنى قانداق باشقۇرۇش ئىدى. نېمىلا دېگەن بىلەن ئەلى بابا جۇڭگودىكى نەچچە يۈز مىليون كىشىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بىلەن زىچ ئالاقىسى بار دۆلەت ھالقىغان چوڭ گۇرۇھ.

ئۇنداقتا ما يۈننىڭ زادى قانچىلىك پۇلى بار؟ بۇ پۇللارنى بانكىدا ساقلىسا قانچىلىك ئۆسۈمى چىقىدۇ؟ بۇ شۈبھىسىزكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئىنتايىن قىزىقىدىغان سوئال. ما يۈن ئەلى بابادا ئىگىلىگەن پېيىنى سېتىۋەتسە 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق بايلىققا ئېرىشىدىكەن، بۇنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 250 مىليارد يۈەن بولىدۇ. بۇنچە كۆپ پۇلنى ئەگەر بىرەر ئۆيگە سىغدۇرىمەن دېسەكمۇ چوقۇم نەچچە قەۋەتلىك ئۆي بولۇشى كېرەك. ھەممىمىزگە ئايانكى، پۇل ئىشلەتمىسە بىر كېرەكسىز قەغەزدىن ئىبارەت، بولۇپمۇ چوڭ بايلارنىڭ نەزىرىدە پۇلنى پۇل تاپقۇزۇش بايلىق باشقۇرۇشنىڭ تۈپكى يولى. ئەگەر بىز مەبلەغ سېلىش قاتارلىق باشقا يوللارنى ئويلاشمىساق ئۇ چاغدا پۇللارنى بانكىغا قويۇش ئەڭ ئاددىي پۇل تېپىش يولى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ما يۈن بۇ 250 مىليارد يۈەن پۇلنى بانكىدا قويماقچى بولسا، ئۇنداقتا جۇڭگودىكى ھەرقايسى چوڭ بانكىلارنىڭ ئەڭ چوڭ باشلىقلىرى ئۆزلىرى كېلىپ ما يۈنگە ياخشىچاق بولۇشى كېرەك.

ئەگەر بانكىنىڭ %3 يىللىق ئۆسۈمى بويىچە ھېسابلىساق، ما يۈننىڭ 250 مىليارد پۇلى بىر يىلدا 700 مىليوندىن ئارتۇق ئۆسۈم قوشىلىدۇ، بۇنى كۈنگە سۇندۇرساق، كۈنىگە ئىككى مىليون يۈەن ئۆسۈم كىرىمى بولىدۇ. ئويلاپ باقىدىغان بولساق، بۇ ھەقىقەتەن بىر ئاستىرونومىيەلىك سان، ئۇنىڭ پۇللىرىنىڭ كۈنلۈك ئۆسۈمىلا ئىككى مىليون، ئىككى مىليون پۇلنى كۆپىنچە جۇڭگولۇقلار بىر ئۆمۈر ئىشلەپمۇ تاپالمايدۇ.

يۇقىرىقىسى تېخى بانكىنىڭ ئۆسۈمى، ئەمەلىيەتتە جۇڭگودا بانكىغا ئوخشىشىپ قالىدىغان يەنە بىر پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى بار، ئۇ بولسىمۇ چىقىمدان. چىقىمدانى ما يۈننىڭ جۇڭگودا قىلغان ئەڭ چوڭ ئىشى دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ جۇڭگونىڭ پۇل-مۇئامىلە ۋەزىيىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتتى، بانكىغا ئوخشاش ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمەيدىغان ئورگاننى خېرىدارلارغا ياخشىچاق بولىدىغان ھالەتكە كەلتۈردى. چۈنكى ئۇنىڭدا پۇل ساقلىسا ئۆسۈمى بانكىنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى چىقىدىغان بولۇپ، بارغانسېرى كۆپ كىشىلەر بانكىدىن چىقىمداندا پۇل ساقلاشقا ئۆتۈشكە باشلىدى.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر ما يۈن بۇ پۇللىرىنى بانكىدا ئەمەس چىقىمداندا ساقلىسا، ئۇنداقتا يىللىق ئۆسۈمى بىر مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان بولۇپ، كۈنگە سۇندۇرغاندا كۈنلۈك ئۆسۈمىمۇ ئون مىليونغا يېقىنلىشىپ قالىدۇ. بۇنچە كۆپ پۇلنى ئاڭلاپ ئايلىنىپ كەتمەڭ، ئەمەلىيەتتە ما يۈن دۇنيادىكى بايلار رەت-تەرتىپىدە «ئارانلا» 20-ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىنمۇ پۇلدار كىشىلەر تېخى كۆپ، پەقەتلا نامراتلىق بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزنى چۈشەپ قويدى خالاس.

1122837268_1526388183867_title0h.jpg
1122837267_1526388125507_title0h.jpg
U020180512497194297709.jpg
W020180512498444277329.jpg