شاكىلاتنىڭ پەيدا بولۇش جەريانىنى بىلەمسىز؟
0
2018-06-11 12:28:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

شاكىلات تەملىك بولۇپلا قالماي ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەشكە پايدىسى بار. ئىلىم-پەن تەتقىقاتچىلىرى مۇنداق بىر نەرسىنى بايقىدى، شاكىلات تەركىبىدىكى كوففېئىن، تېئوبرومىن، تىروسىن، ترىپتوفان قاتارلىق تەركىبلەر ئادەم كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن، بىراق، يېمەكلىك شاكىلاتتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش كاكائو تەركىبى يۇقىرى بولغان قارا شاكىلات ئىكەن، چۈنكى، سۈتلۈك شاكىلات بىلەن سېلىشتۇرغاندا، قارا شاكىلاتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى، ماي مىقدارى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار بار ئىكەن. لوندۇندىن كەلگەن شاكىلات ياساش ئۇستىسى Dom Ramsey بىر تور بەتتە شاكىلاتنىڭ چېچەكلەپ مېۋە بەرگەن پۈتۈن جەريانىنى تورداشلار بىلەن ھەمبەھرىلەندى.

  دەرەخ شېخىدا ئۆسكەن كاكائو پۇرچىقى

  كاكائو پۇرچىقىنىڭ رەڭگى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ

  كاكائو پۇرچىقى ئىچىدە تەخمىنەن 25~40 گىچە بولغان ئاق رەڭلىك مېۋە ئېتى بار

  ئاق رەڭلىك مېۋە ئېتىنى كەسكەنكى رەڭ

  ئېچىتقاندىن كېيىن، كاكائو پۇرچىقى چىقىدۇ

  قەھۋە پۇرچىقى 7-10 كۈن ئاپتاپتا قاقلىنىدۇ، تەكشى قاقلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  قۇرۇتۇلغان قەھۋە پۇرچىقى ئوراپ، قاچىلىنىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شاكىلات زاۋۇتلىرىغا توشۇلىدۇ

  ئالدى بىلەن قەھۋە پۇرچىقىنى قاقلاپ، سىناپ بېقىش كېرەك

  قاقلاپ بولغاندىن كېيىن، قەھۋە پۇرچىقى بۇ ئۈسكۈنىدە ئېزىلىدۇ

  تېخىمۇ كۆپ ئۇششاق كاكائو پۇرچىقى ئېزىلىش ئالدىدا

  ئېزىلىش جەريانى

  ئىككى كۈن ئەزگەندىن كېيىنكى ھالىتى

  ئېزىش-سىلىقلاش ماشىنىسى

  ئۈچ كۈندىن كېيىنكى شاكىلات قىيامى