دائىم قاپىقىڭىز تارتسا بەدىنىڭىز سىزگە سىگنال بېرىۋاتقان بولىدۇ
0
2018-06-13 13:14:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

كىشىلەر قاپىقى تارتىشنى ئامەت ياكى ئاپەت كېلىشىدىن دېرەك بېرىۋاتىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئەمما بۇ پەننىۋى ئاساسى يوق بولغان خۇراپاتلىق. دەل ئەكسىچە، يېقىندا ئالىملار قاپاق تارتىشنىڭ بەدەندە مەسىلە كۆرۈلگەنلىك سىگنالى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، بۇ راسمىدۇ ؟

1.بەدەندە ۋىتامىننىڭ كەملەپ كەتكەنلىكى

قاپاق تارتىش كۆز قىسمىدىكى مۇسكۇللاردىن چاتاق چىققانلىقىدىن بولىدۇ، بەدەندە ۋىتامىن كەمچىل بولسا مۇسكۇللارنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭلاشقا قاپاق ئىختىيارسىز تارتىپ كېتىدۇ.

2. زىيادە چارچاپ كېتىش

ھەر كۈنى كومپىيوتۇرغا قاراپ خىزمەت قىلىدىغانلار ھەر كۈنى ئىنتايىن چارچاپ كېتىدۇ، داۋاملىق يانفون ئويناپ كۆزىنى ۋاقتىدا ئارام ئالدۇرمىسا كۆزنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق چارچاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قاپاقنىڭ بېسىمى ئېشىپ كەتكەندە كۆز قىسمىدىكى نېرۋىلارنىڭ بىنورماللىقىنى پەيدا قىلىپ قاپاق تارتىپ كېتىدۇ.

قاپىقىڭىز تارتىپ كەتكەندە بەدىنىڭىز سىزگە سىگنال بېرىۋاتقان بولىدۇ، شۇڭلاشقا بۇ ۋاقىتتا تۇرمۇش ئادىتىڭىزگە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.

يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە، سەي-كۆكتاتلارنى كۆپ يېيىش، كۆپ خىل سەي-كۆكتاتلارنى يېيىش، قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەرنى يېيىش قاپاق تارتىش ئالامىتىنى يەڭگىللىتىشنىڭ ئاساسى.

ئارام ئېلىش جەھەتتە، كەچتە ۋاقتىدا ئۇخلاش، كېچىدە تۈنىمەسلىك، ھەر بىر سائەت خىزمەت قىلغاندا ئارىلىقتا 15 مىنۇت ئەتراپىدا كۆزنى دەم ئالدۇرۇش لازىم. ئەگەر قاپاق يەنە تارتىپ كەتسە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش لازىم.