تويدىن كېيىنمۇ رومانتىكىلىقنى ئۇنتۇپ قالماڭ
0
2018-07-11 15:14:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقاندا قىز-يىگىتلەر بارلىق ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى كەلگۈسىدىكى ئائىلە تۇرمۇشىغا باغلىۋالىدۇ، ھالبۇكى، ئائىلە بوسۇغىسىغا قەدەم قويۇپ، ئىككىيلەنگىلا خاس تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ۋاقىت كەلگەندە نۇرغۇنلىغانلار ھەقىقىي تۇرمۇشنىڭ ئۆزلىرى ئويلىغاندىكىدەك ئۇنداق گۈزەل، مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى بايقايدۇ.

بەزىلەر تويدىن كېيىنكى تۇرمۇش جىمجىت ئاققان ئېقىنغا ئوخشايدۇ، كىشىنىڭ كاللىسىنى تۈگىمەس ئائىلە ئىشلىرى، بالا، توي-تۆكۈن... قاتارلىقلار ئىگىلەپ، رومانتىكىلىقتىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ، دېيىشىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، تويدىن كېيىن رومانتىكىلىق يوقاپ كەتمەيدۇ، ئۇ ئۆيىڭىزدە مەۋجۇت، سىز بايقىمىدىڭىز خالاس.

تويدىن كېيىن سىز نۇرغۇن قېتىم كۆكتات سېتىۋالدىڭىز، ئەمما بىرەر قېتىم گۈل سېتىۋېلىپ باقمىدىڭىز؛ ئۆيىڭىزنى ساناپ تۈگەتكۈسىز تازىلىدىڭىز، ئەمما گۈل سالىدىغان لوڭقىغا نەزەرىڭىزنى سالمىدىڭىز.

رومانتىكىلىقنى سىزدىن يىراقلاشتى، دەپ ئاغرىنماڭ، ئەمەلىيەتتە سىز ئۇنىڭدىن يىراقلاشتىڭىز. كۈنلەرنىڭ بىرىدە لوڭقىڭىزغا چىرايلىق گۈلدەستە تىزىپ سېلىپ قويغىنىڭىزدا بىر قېتىم رومانتىك بولۇپ بېقىشنىڭ ئۇنچە تەس ئەمەسلىكىنى بايقايسىز.

رامىلە ھەمىشە رومانتىكىلىققا ئىنتىلىدىغان قىزچاق ئىدى.كېيىن ئۇ ئۆزىگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەلەيدىغان بىرى بىلەن تونۇشۇپ توي قىلدى.

ئەمما تويدىن كېيىن ئۇ ئەرنىڭ ئازراقمۇ قىزىقىشى يوقلۇقىنى ھېس قىلدى. بايرام كۈنلىرىدە سىرتلارغا چىقىپ ساياھەت قىلىپ كېلەيلى دېسە، ئېرى «مەن ساياھەتنى ياخشى كۆرمەيمەن» دەيتتى، خاتىرە كۈنلەردە كىنو كۆرۈپ كېلىش تەكلىپى بەرسە، «ئۇنىڭدىن كۆرە كىنونى ئۆيدىلا كۆرمەيمىزمۇ» دەيتتى.

بۇنداق ھېچ بىر ھەۋىسى يوق ئەردىن زېرىككەن رامىلە ئاپىسىغا ئەر ئۈستىدىن دادلاپ بەردى.

ئاپىسى ئۇنىڭغا «ھەمىشە ئېرىڭنىڭ ساڭا رومانتىكىلىق ئاتا قىلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرما، ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ رومانتىكىلىق ئاتا قىل، داداڭمۇ ماڭا بىرەر قېتىم گۈل سوۋغا قىلىپ باقمىغان، ئەمما مەن يەنىلا تۇرمۇشۇمدىن رومانتىكىلىق ئىزدەپ كەلدىمغۇ مانا» دېدى.

ئاپىسىنىڭ سۆزى ئۇنى ئويغاتتى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئېرىنى قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشلارغا زورلىمايدىغان بولدى. ئىچى سىقىلغاندا بازار ئارىلاپ يارىشىملىق كىيىم سېتىۋالىدىغان بولدى.

بەزىدە سومكىسىنى ئېسىپ نەچچە دوستى بىلەن دېيىشىپ ساياھەتكە بارىدىغان بولدى، ئۆيىگە ساياھەتتە چۈشكەن رەسىملىرىنى چىرايلىق ئېسىپ قويدى.

ئېرىمۇ ئۇنىڭ مۇستەقىللىقى، ئاكتىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش پوزىتسىيەسىدىن مەمنۇن بولغاندەك قىلاتتى. بەزىدە تېخى چاقچاق قىلىپ: تۇرمۇش سۈپىتىڭىز بەك يۇقىرى جۇمۇ، بۇلار مېنىڭ سىزگە يېتەرلىك بوشلۇق بەرگىنىمدىن بولدى» دەپ ئايالى بىلەن چېقىشىپ قوياتتى.

توي قىلغىلى نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، رامىلە بارغانسېرى ياشىرىپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ كەڭ قورساق ئېرىنى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشتىن رومانتىكىلىق ئىزدىشىدىكى تايانچىدەك ھېس قىلىۋاتاتتى.

ھازىرقى سىز تۇرمۇشتا ئازراقمۇ رومانتىك بولمىسىڭىز، ئۇ باشقا بىرىنىڭ ئەمەس، ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكى. شۇڭا، تويدىن كېيىن رومانتىكىلىق يوق، دەپ باھانە ئىزدىمەڭ، ئەمەلىيەتتە رومانتىكىلىق ھەمىشە ئەتراپىڭىزدا، پەقەت ئەقلىڭىز ۋە ھېسسىياتىڭىزنى ئىشقا سالسىڭىزلا سىزمۇ گۈزەل كېلەچەك يارىتالايسىز.

1123105096_1531207638403_title0h.jpg
U020180711351653783246.jpg
U020180711356969454554.jpg
U020180711358330043361.jpg
1123100748_1531140921811_title0h.jpg