كالا سۈتىنىڭ مۇنداقمۇ پايدىسى بارلىقىنى بىلەمسىز؟
0
2018-07-11 15:54:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ئاشقازان يارىسى بارلار دائىم كالا سۈتى ئىچىپ بەرسە، يارا ئۈستىدە مۇھاپىزەت پەردىسى شەكىللىنىپ، يارىنىڭ ساقىيىشىغا پايدىسى بولىدۇ. ئېلېكتىر نۇرى خاراكتېرلىك كۆز ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار يېڭى سۈتنى كۆزگە تېمىتىپ بەرسە كۆزى ئاغرىمايدۇ، مېتال تۈرىدىكى بىرىكمە نەرسىلەرنى خاتا ئىستېمال قىلىش تۈپەيلىدىن ئاغرىپ قالغانلار كالا سۈتى ئىچسە زەھەرنى قايتۇرىدۇ، تەتقىقات نەتىجىسىدە كالا سۈتىنىڭ بىر نەچچە جەھەتتىكى رولى بايقالدى.

قاپاق تارتىشنى پەسەيتىدۇ:

قاپاق تارتىش كۆزنىڭ چارچاش، كۆز مۇسكۇللىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئاراملىقنىڭ قىسقىرىشى تۈپەيلىدىن كۆرۈلىدۇ، كالا سۈتىدىكى كالتسىي ماددىسى كۆز مۇسكۇلىنىڭ جىددىيلىشىشنى پەسەيتىپ، قاپاق تارتىشنى تۈگىتىدۇ.

كاناي ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ:

كالا سۈتىدە ۋىتامىن Aمول بولۇپ، كاناينىڭ تېرە ھۈجەيرىلىرىنى قوغداپ، ياللۇغلىنىشنى ئازايتىدۇ.

ئۆسمىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ:

بۇنىڭدا ئاساسلىقى مايسىزلاندۇرۇلغان كالا سۈتى ئىستېمال قىلىنىدۇ، تەتقىقاتتىن شۇ مەلۇم بولدىكى، مايسىزلاندۇرۇلغان كالا سۈتىدىكى ۋىتامىن C، ۋىتامىن Aقاتارلىق ماددىلار راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە ئىگە، مايسىزلاندۇرۇلغان كالا سۈتىنى دائىم ئىچىپ بەرسە، راك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

ئۇچۇق تېگىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ:

ئىلىم پەن شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كالا سۈتى ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان يېمەكلىكلەر كالتسىي ئېلېمېنتلىرىنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىپ، نېرۋا ھۈجەيرىسىگە زىيان يەتكۈزۈشنىڭ، چوڭ مېڭىنى قوغداپ، ئۇچۇق تېگىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

1123105096_1531207638403_title0h.jpg
U020180711351653783246.jpg
U020180711356969454554.jpg
U020180711358330043361.jpg
1123100748_1531140921811_title0h.jpg