نوكىيا جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بىلەن بىر مىليارد ياۋرولۇق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
0
2018-07-11 16:12:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

نوكىيا شىركىتى 10-ئىيۇل جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بىلەن قىممىتى بىر مىليارد ياۋرولۇق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى جاكارلىدى، كېلىشىمگە ئاساسەن كەلگۈسىدە نوكىيا شىركىتى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بىلەن بىرلىكتە 5G تورى قۇرۇپ چىقىدۇ، شۇنداقلا بۇلۇت ھېسابلاش ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات مۇلازىمىتىنى يولغا قويىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى نوكىيا شىركىتى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بىلەن چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالاپ، سۈنئىي ئىدراك ۋە 5G تورى بىرلەشمە تەجرىبىخانىسى قۇرغان، بۇ تەجرىبىخانا 5G تورىدا سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى ۋە ماشىنا ئۆگىنىش تېخنىكىسىنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاپ، تېخىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئىككى شىركەت تۈزگەن ھەمكارلىق چۈشىنىش ئەسلەتمىسىدە جۇڭگونىڭ خاڭجۇ شەھىرىگە بىرلەشمە تەجرىبىخانا قۇرۇش ئېنىق بېكىتىلگەن، بۇ تەجرىبىخانا سۈنئىي ئىدراك ۋە ماشىنا ئۆگىنىش تېخنىكىسىنى 5G سىمسىز تورىنىڭ بايلىق باشقۇرۇش ۋە كەسىپ مۆلچەرلەش لايىھىسىگە ئىشلىتىش، تەتقىق قىلىش ۋە تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئاساس قىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى ھەمكارلىقنىڭ يەنە بىر مەقسىتى بولسا ئېچىۋېتىلگەن سىمسىز ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، ئىككى تەرەپ ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىش شەكلى ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى تېز سۈرئەتلىك 5G تورى ۋە بۇلۇت مۇلازىمىتىنى بەرپا قىلىش.

1123105096_1531207638403_title0h.jpg
U020180711351653783246.jpg
U020180711356969454554.jpg
U020180711358330043361.jpg
1123100748_1531140921811_title0h.jpg