خۇاۋېي ياۋروپادا يېڭى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇردى
0
2018-07-11 16:15:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

كۆپ يىللاردىن بۇيان خۇاۋېينىڭ بايراقدار دەرىجىلىك يانفونلىرى Mate ۋە Pدىن ئىبارەت ئىككى خىل مەھسۇلات لىنىيەسىنى ئاساس قىلدى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا خۇاۋېي P20 يۈرۈشلىكىدىكى يانفوننى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، سىرتقى ساھەدىكىلەر ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا كېيىنكى يېرىم يىلدا ئېلان قىلىنىدىغان Mate يۈرۈشلۈكىدىكى مەھسۇلاتنىڭ نامى Mate 20 بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشتى.

Phone Arena تاراتقۇسىنىڭ 10-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇاۋېي شىركىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا Mate 20 تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى ئەۋلاد Mate يۈرۈشلۈكىدىكى مەھسۇلاتنىڭ نامى Mate 20 بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خۇاۋېي يەنە Mate 30-90 تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغان، خۇاۋېينىڭ بۇ ھەرىكىتى Mate يۈرۈشلۈكىدىكى بايراقدار دەرىجىلىك يانفونىغا دائىر ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى، نۆۋەتتە Mate 20 يۈرۈشلۈكىدىكى يېڭى مەھسۇلاتقا دائىر خەۋەرلەر كۆپ ئەمەس. ئىلگىرىكى ئادەتلەر ۋە يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتنىڭ ئورنىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەھسۇلاتىغا بەلكىم ئەڭ يېڭى چىلىن بايراقدار بىر تەرەپ قىلغۇچى، سودا ساھەسىدىكى ئەربابلارغا ئاتاپ چوڭ سىغىملىق باتارېيە سەپلىنىشى مۇمكىن.

ئەلۋەتتە Mate يۈرۈشلۈكىدىكى يانفونلارنىڭ سۈرەت تارتىش ئىقتىدارىمۇ كۈتۈشكە ئەرزىيدىغان يارقىن نۇقتىلارنىڭ بىرى. Mate 10 Pro يانفونىنىڭ سۈرەت تارتىش ئىقتىدارى DxOMark شەرەپ تاختىسىدە ئالدىنقى رەتكە تىزىلغان، شۇڭا Mate 20 مەھسۇلاتى كۈتۈشكە ئەرزىيدۇ. ئادەت بويىچە خۇاۋېي Mate يۈرۈشلۈكىدىكى بايراقدار دەرىجىلىك مەھسۇلاتلارنى كۈزدە ئېلان قىلىدۇ.

1123105096_1531207638403_title0h.jpg
U020180711351653783246.jpg
U020180711356969454554.jpg
U020180711358330043361.jpg
1123100748_1531140921811_title0h.jpg