يالغۇزلۇق كىشىنى كېسەلگە مۇپتىلا قىلىدۇ
0
2018-07-11 16:20:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ئامېرىكىدا 45 ياشتىن يۇقىرى 42 مىليون 600 مىڭ ئادەم ئۆزىنى يالغۇز دەپ قارايدىكەن؛ ئەنگىلىيەدە بولسا 39 مىليون يالغۇز تۇرىدىغان ئوتتۇرا ياشلار كۈنبويى تېلېۋېزورنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىدىكەن. ياۋروپا يۈرەك كېسەللىكلىرى بىرلەشمىسى 2018-يىلى قوغداش چوڭ يىغىنىدا ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىنى ئېلان قىلىپ، يالغۇزلۇق ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلاردا يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتىنى پەيدا قىلىش خەۋپىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدىغانلىقىنى بايقىغان.

دانىيە كوپېنخاگىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئەننا ۋېنتېر كىرىستەنسىن ھەمدە ئۇنىڭ تەتقىقات ئەترىتى 13 مىڭ 463 نەپەر يۈرەك كېسىلى، يۈرەك زەئىپلىكى ياكى يۈرەك رېتىمى تۇراقسىز ئوتتۇرا ياش، ياشانغان بىمارلارنى تەكشۈرگەن. قاتناشقۇچىلار جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىق ھەمدە ئىجتىمائىي قوللاش سەۋىيىسى (يالغۇز تۇرامدۇ-يوق) قاتارلىق ئەھۋاللار يېزىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىنى قوبۇل قىلغان. ئىجتىمائىي قوللاش سەۋىيەسىنى باھالاشتىكى ئىككى چوڭ ھالقىلىق مەسىلە «ئېھتىياجىڭىز چۈشكەندە، بىرەرى سىز بىلەن مۇڭدىشامدۇ؟» «مەلۇم بىرەرسى بىلەن بىرگە بولۇشنى ئويلىشىپ تۇرۇپمۇ، بەزىدە ئۆزىڭىزنى يالغۇز ھېس قىلامسىز؟»دىن ئىبارەت بولغان.

نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، يالغۇزلۇق ئوتتۇرا ياش، ياشانغان ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش خەۋپىنى بىر ھەسسە ئاشۇرىدىكەن، ھالبۇكى يالغۇز ياشايدىغان ئەرلەرنىڭ بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە قاتلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن سىرت يالغۇزلۇق ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردىكى تەشۋىشلىنىش ۋە خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىنى ئۈچ ھەسسە ئۆرلىتىدىكەن. مەيلى ئەر ياكى ئايال قاتناشقۇچىلار بولسۇن، يالغۇزلۇق تۇيغۇسى تۈپەيلى بالدۇر ئۆلۈپ كېتىدىغانلارنىڭ خەۋپى يالغۇز ياشايدىغانلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدىكەن.

دوكتور كىرىستەنسىن مۇنداق كۆرسەتتى: ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار يالغۇز ياشىغاندا ئاسانلا ئوزۇقلىنىشى قالايمىقانلىشىپ، ھەرىكىتى ئازىيىدۇ، تاماكا چېكىشكە بېرىلىپ، زىيادە كۆپ ھاراق ئىچىۋېلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، ئېغىرراقلىرىدا ئېغىر بېسىم پەيدا بولۇپ، ۋاقتىدا دورا ئىچىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، يالغۇزلۇق تۇيغۇسى بولسا يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىك بىمارلىرنىڭ بالدۇر ئۆلۈشىنى، پىسخىكا ساغلاملىقىنىڭ تۆۋەنلىشىنى ۋە ئومۇمىي تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن. جەمئىيەتتىكى قېقىلىپ-سوقۇلۇش ياكى يالغۇز ياشاشنىڭ پەيدا قىلىدىغان خەۋىپى ھەتتا سېمىزلىك كېسىلىدىنمۇ ئېغىر بولىدىكەن.

1123105096_1531207638403_title0h.jpg
U020180711351653783246.jpg
U020180711356969454554.jpg
U020180711358330043361.jpg
1123100748_1531140921811_title0h.jpg