OPPO Find X يانفونى 12-ئىيۇل ھىندىستاندا ئېلان قىلىنىدۇ
0
2018-07-11 16:30:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

19-ئىيۇن ۋە 29-ئىيۇن ئايرىم ھالدا فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە ۋە جۇڭگونىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، OPPO شىركىتى يەنە 12-ئىيۇل ھىندىستاندا يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ قېتىمقى يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى توردا بىۋاسىتە تارقىتىلىدۇ. OPPO Find X يانفونىنىڭ نۆۋەتتە ياۋروپا بازىرىدىكى سېتىلىش باھاسى999 ياۋرو (80595 رۇپىيە)، سېتىلىش باھاسى 64GBلىق نۇسخىدىكى iPhone X بىلەن ئوخشاش.

سەپلىمىلىرى جەھەتتە، OPPO Find X يانفونىغا كۇۋالكوم شىركىتىنىڭ سىناپدىراگون 845 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچىسى، 8GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 256GBلىق ئاساسىي سىغىم بوشلۇقى، 1080×2340 ئېنىقلىقتىكى 6.43 دىيۇملۇق ئېكران، 3730mAhلىك باتارېيە، 16+20 مىليون پىكسېللىق ئارقا قوش كامېرا، 25 مىليون پىكسېللىق ئالدى كامېرا سەپلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ يانفوننىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى كامېراسى ئاپتوماتىك ھالدا ئۆرلەپ تۆۋەنلەيدۇ، كامىراسىغا يەنە چىراي پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى توپلاشتۇرۇلغان.

بۇ سىستېما ئالمىنىڭ iPhone X يانفوندىكى Face ID تېخنىكىسغا ئوخشاش بولۇپ، ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق كامېرا، تورسىمان پرويېكتور، تاشقىن نۇر سېنزورى قاتارلىقلار سەپلەنگەن. مەشغۇلات سىستېمىسىغا Android 8.1 Oreo سىستېمىسى قاچىلانغان.

1123105096_1531207638403_title0h.jpg
U020180711351653783246.jpg
U020180711356969454554.jpg
U020180711358330043361.jpg
1123100748_1531140921811_title0h.jpg