باشقىلار بىلەن سوقۇشۇپ قالسىڭىز تەننەرخى قانچە بولىدۇ؟
0
2018-07-11 16:33:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

يېقىندا خېبېي ئۆلكىسى خېڭشۆيدىكى لى فامىلىلىك ئەر دوستلىرىنى تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىگە تەكلىپ قىلدى. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن زىياپەتكە قاتناشقان بۇ ئەل-ئاغىنىلەر كىچىككىنە ئىش سەۋەبلىك تەگىشىپ قېلىپ سوقۇشۇپ قالدى. ساقچىلار ئىشقا چېتىلىپ قالغانلارغا يەتتە كۈندىن 10 كۈنگىچە تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بەردى.

9-ئىيۇن خېڭشۆي ساقچى تەرەپ ئورگان ئۈندىدارىدا «سوقۇشۇش تەننەرخى» تېمىسىدا يازما چىقاردى، بىزمۇ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى:

1. يېنىك يارىلانغان تەننەرخى=بەش كۈندىن 15 كۈنگىچە تۇتۇپ تۇرۇش+500 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە جەرىمانە+داۋالىنىش پۇلى، ئىش دەخلى پۇلى (قارشى تەرەپنىڭ يارىلانغانلىقتىن خىزمەتكە بارالمىغانلىق زىيىنى)+تۇتۇپ تۇرۇلغان چاغدىكى تۇتۇپ قېلىنغان مائاشى+ئائىلىگە ئېلىپ كەلگەن باش روھىي زىيىنى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر.

2. ئادەتتىكىچە يارىلانغان تەننەرخى=ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى+تۆلەم پۇلى+داۋالىنىش پۇلى، ئىش دەخلى پۇلى+جازا مۇددىتىدىكى ئىقتىسادى زىيىنى+ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ شۇ ئارىلىقتىكى كۈتۈشلىرى+بالىسىغا بولغان جەمئىيەت تەسىرى.

3. ئېغىر يارىلانغان تەننەرخى=ئۈچ يىلدىن يۇقىرى 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى+تۆلەم پۇل+جەمئىيەتكە ۋە ئائىلىسىگە بولغان ئېغىر تەسىرى.

سوقۇشۇشنىڭ قوشۇمچە تەننەرخى=ھەر خىل دەۋالارنىڭ ھەققى+ناچار ئىش-ئىزلىرى ئارخىپىغا خاتىرىلىنىش+روھىي-كەيپىياتىغا بولغان زىيىنى+نام-ئابرويىغا بولغان زىيىنى+ئۆيىدىكىلىرى ۋە دوستلىرىنىڭ ئەنسىرىشى+خىزمەت ۋە تىجارەتتىكى ئىقتىسادىي زىيىنى.

كىچىككىنە ئاچچىقنى دەپ باشقىلار بىلەن سوقۇشسىڭىز ھەر ئىككى تەرەپكە ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ. ئۇتسىڭىز 110 ئېلىپ كېتىدۇ، ئۇتتۇرسىڭىز 120 ئېلىپ كېتىدۇ، بىرسىدە ئۆرە تۇرۇپ كېتىسىز، بىرسىدە يېتىپ، بۇنىڭ نېمە پەرقى؟ باشقىلار پۇل تۆلەپ بەرگەن تەقدىردىمۇ ئاسارىتى قالسا سالامەتلىكىڭىز مەڭگۈ تەلتۆكۈس ئەسلىگە كېلەلمەيدۇ. ئەگەر پۇل تۆلىگەن ئادەم سىز بولسىڭىز پۇل خەجلەپ ئۆزىڭىزنى تۈرمىگە يولغا سالىسىز، دوختۇرخانا ياكى تۈرمە، ئىككىدىن بىرىنى تاللاڭ، كاللىسى ئىشلىگەن ئادەم ھەرگىز كەيپىياتنىڭ قۇلى بولمايدۇ.

1123105096_1531207638403_title0h.jpg
U020180711351653783246.jpg
U020180711356969454554.jpg
U020180711358330043361.jpg
1123100748_1531140921811_title0h.jpg