فىرانسىيە شىركىتى «ئاي شارىدا توي تەكلىپى قويۇش» پىلانىنى چىقاردى
0
2018-07-11 16:37:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

مۇساپىسى ئاددىي بولغان «ئالەم بوشلۇقى ساياھىتى» ناھايىتى تېزلا سەپتىن چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن، ھازىر بىر رومانتىك «ئاي شارىدا توك تەكلىپى قويۇش» مۇلازىمىتى بارلىققا كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. 2022-يىلىدىن باشلاپ ئەرلەر ئاي شارىغا چىقىپ «مۇھەببىتىنى ئىپادىلىسە بولىدۇ».

بۇ نەپس توي تەكلىپى قويۇش پىلانىنىڭ تەپسىلىي ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈلۈپ بولدى. ئالدى بىلەن توي تەكلىپ قويغان كۈنى ئىككى تەرەپ فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ كاناۋېرال تۇمشۇقىدىكى كېننىدى ئالەم قاتناش مەركىزىدىن بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، تۇنجى قېتىم ئېغىرلىق يوقاتقان ھالەتكە كىرگەن ۋاقىتتا، ئىككىسىنىڭ دۇبۇلغىسى ئىچىدە رىچارد گېئورگى سترائۇسنىڭ «زاراتۇسترا راست ئېيتىدۇ» ناملىق مۇزىكىسى قويۇلىدۇ.

ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسەن، ئۇلار ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاي شارى ئوربېتاسىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ بارىدۇ ھەمدە 200-300 كلىومېتىرلىق يۇقىرى بوشلۇقتا سەييارە بىلەن بىرگە ئۇچىدۇ. ئوربېتانىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە، شىركەت ئىككىسىگە فرانك سناترانىڭ «مېنى ئېلىپ ئاي شارىغا ئۇچقىن» ناملىق ناخشىسىنى قويۇپ بېرىدۇ. مېلودىيە ياڭراش بىلەن يىگىت ئادەم ئىزى بولمىغان رومانتىك مۇھىتتا قىزغا توك تەكلىپى قويىدۇ، پىلانغا ئاساسەن توك تەكلىپى قويۇش ئۈزىكى كاستيومنىڭ چاپىنىنىڭ يانچۇقىغا سېلىنىدۇ.

ئىككىسى ئاي مېتېئورىت ئازگىلى ئارقىسىدىكى ھەيۋەتلىك كۈن چىققان كۆرۈنۈشنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاتموسفېراغا قايتىپ كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سەپەر ئاخىرلىشىدۇ.

ئىگىلىنىشچە، 2020-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ ئالەم بوشلۇقىدا توي تەكلىپى قويۇش پىلانىغا توردا ئالدىن كېلىشىش باشلىنىدىكەن. تىزىملىتىپ بەش ئايدىن كېيىن بەدەن ساپاسى مەشىقى ۋە 12 ھەپتىلىك تېخنىكا مەشىقىنى قوبۇل قىلىدىكەن.

ئىگىلىنىشچە، بۇ مۇلازىمەتنىڭ باھاسى 943 مىليون يۈەن ئىكەن. ئاشىق-مەشۇقلار بىر ئۇچقۇچىسىز ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ، بىپايان ئالەم بوشلۇقىدىن ھوزۇر ئالىدىكەن. شۇ قېتىملىق ئالەم بوشلۇقى سەپىرى 38 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدىكەن. پۈتكۈل جەريان سەككىز كامېرادا سۈرەتكە ئېلىنىدىكەن.

1123105096_1531207638403_title0h.jpg
U020180711351653783246.jpg
U020180711356969454554.jpg
U020180711358330043361.jpg
1123100748_1531140921811_title0h.jpg