پىسخىكا ئېففىكتى: قولى يەتمىگەن ئۈزۈم ئاچچىق بولىدۇ
0
2018-07-11 16:40:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ئاچچىق ئۈزۈم ئېففىكتى-ئېرىشەلمىگەن نەرسىسىنى يامان دەپ كۆڭلىگە تەسەللىي بېرىش

«قولى يەتمىگەن ئۈزۈم ئاچچىق بولىدۇ» دېگەن گەپنى ھەممەيلەن بىلىمىز، بۇمۇ پىسخىلوگىيەدىكى تىپىك بىر مىسال، بىز بۇنى «ئاچچىق ئۈزۈم ئېففىكتى» دەيمىز. كىشىلەر ئېرىشكۈسى بار نەرسىلەرگە ئېرىشەلمىسە مەيلى ئۇ قانچىلىك ياخشى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر يامان تەرىپىنى كۆرۈپ ئۆزىگە تەسەللىي بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ كىشىنىڭ پىسخىكىسىغا بولغان تەسىرى خېلى چوڭ بولىدۇ، شۇنداق بولغاندا سىز ئوڭۇشسىزلىقتىن كېلىپ چىققان بېسىم ۋە پاسسىپ ئېنىرگىيەنى يەنە بىر خىل ئۇسۇل ئارقىلىق يېنىكلىتەلەيسىز ۋە يوقىتالايسىز، بۇنداق كىشىلەرنى «ئەقىللىق تۈلكە» دېسەكمۇ بولىدۇ، چۈنكى كەيپىياتنى تەڭشەش ھەممىلا ئادەمنىڭ قولىدىن كەلگەن بىلەن ئاخىرقى مەقسەتكە يېتىش ئۇنچە ئوڭاي ئەمەس، بۇ جەھەتتە ئاچچىق ئۈزۈم ئېففىكتى سىزنىڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ، قارىماققا ئەخمىقانىدەك كۆرۈنسىمۇ لېكىن ھەقىقەتەن ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز، ئىشەنمىسىڭىز سىناپ بېقىڭ.

تاتلىق لىمون ئېففىكتى-ئۆزىدە بار بولغان نەرسىنى كۆپتۈرۈپ ماختاپ ئۆزىگە تەسەللىي بېرىش

لىمون قانداقمۇ تاتلىق بولسۇن، لېكىن ئەگەر بىزدە تاتلىق ئۈزۈم بولماي چۈچۈمەل لىمونلا بولسا ئۇنداقتا چوقۇم ئۆزىمىزدا بار بولغىنىنى ئەڭ ياخشىسى دەپ بىلىشىمىز كېرەك، سىزگە نىسبەتەن چوقۇم لىموندەك تاتلىق نەرسە يوق، شۇنداققۇ؟ ئۆزىڭىزگە شۇنداق دەپ بېرىشىڭىز كېرەك، شۇندىلا كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەپ پاسسىپ كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالايسىز، بىز بۇنى تاتلىق لىمون ئېففىكتى دەيمىز، بولۇپمۇ ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغاندا بۇ سىزگە روھىي كۈچ-قۇۋۋەت بېرەلەيدۇ، ئۆزگەرتەلمەيدىغان ئىشلارنى «توغرا ئۇسۇل»دا قوبۇل قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.

ئېھتىياج قاتلىمى ئېففىكتى-ئېھتىياجىڭىزنى توغرا مۆلچەرلەڭ، ئۆزىڭىزنى توغرا تونۇپ يېتىڭ

ئادەمنىڭ ئەڭ تۆۋەندىن ئەڭ يۇقىرىغىچە بولغان ھاجىتى مۇنداق بەش خىل بولىدۇ: ئەڭ تۆۋىنى ھايات كەچۈرۈش ۋە فىزىيولوگىيەلىك ئېھتىياجى. ئۇنىڭدىن قالسا بىخەتەرلىك ئېھتىياجى، ئىجتىمائىي ئالاقە ئېھتىياجى، ھۆرمەتكە ئېرىشىش ئېھتىياجى ۋە ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يارىتىش ئېھتىياجى.

شەخسىي ئېھتىياجنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ۋە ئائىلىدىكى ئۆتەيدىغان رولى ئوخشاش بولمايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇرەككەپلىك بار. ئوخشىمىغان رولدىكى «ھالقىلىق ئېتىياج»نى توغرا مۆلچەرلىيەلمىسىڭىز كۈنلىرىڭىز ئازاب ئىلكىدە ئۆتىدۇ، شۇڭا توغرا ۋاقىتتا توغرا ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرۇشنى تاللاشنى ئۆگىنىۋالسىڭىز كۈنلىرىڭىز تېخىمۇ خوشال ئۆتىدۇ، بولمىسا مۇشۇ سەۋەبلىك خىزمىتىڭىز ھەتتا كەلگۈسى بەختىڭىزگە دەخلى قىلىپ قويۇشىڭىز مۇمكىن. مىسالغا ئالساق، ساۋاقداشلار ئولتۇرۇشىدا سىز باشقىلار تەرىپىىن ھۆرمەتلىنىش ئېھتىياجىنى يۇقىرى ئورۇنغا قويۇۋالسىڭىز ئاخىرىدا كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇپ قالىدۇ، بەلكىم مۇشۇ سەۋەبلىك كۆڭلىڭىز ئازار يەپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، شۇڭا خاتا ۋاقىتتا مۇمكىنچىلىقى يوق ئېھتىياجنى باش ئورۇنغا قويۇۋالماڭ.

قورساق ئېچىش ئېففىكتى-قورساق ئاچقاندا ھەممە نەرسە تاتلىق، تويغاندا تۇزلۇق بىلىنىدۇ

كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يېگەنگە ئوخشاپ قالىدۇ. بېشىدا شۇنداق ئوخشاپتۇ دەپ يەيمىز، كەينىدىن قورساق تويغانسېرى ھەر خىل ئەيىبلىرىنى تېپىپ چىقىمىز، ماۋۇ تۇزلۇقكەن، ماۋۇ ئاچچىقكەن دېگەندەك. قورساق تويغاندا تاماق بېشىدىكى خوشاللىقلىرىمىز ئاللىقاياقلارغا غايىب بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى: بىرىنچىدىن، باشتا سىزنىڭ قورسىقىڭىز ئاچ ئىدى، شۇڭا نېمىلا يېسىڭىز ئوخشىغان بىلىنىدۇ. ئىككىنچىدىن، سىز يېڭى مۇھىتقا كىرىپ تاماق يېگەچكە كەيپىياتىڭىزدا ئۆزگىرىش بولدى، بىز بۇنى «ناتونۇشلۇق ئېففىكتى» دەپمۇ قويىمىز، يېڭى مۇھىت سىزدە قىزىقىش پەيدا قىلىدۇ، بۇمۇ كەيپىياتىڭىزغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتمۇ شۇنداق: يېڭى تونۇشقاندا بىز قارشى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقىنىلا كۆرىمىز، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ھەر خىل يېتەرسىزلىكلىرىنى بايقايمىز. شېرىنئاي ئۆتكۈزگىلى چىققان ئەر-ئاياللار بىر-بىرىگە شۇنچىلىك ئامراقلىق قىلىدۇ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ھەر خىل سوقۇشۇش، يامانلىنىشىشلار بولۇپ بەزىلىرى ھەتتا ئاجرىشىپ كېتىدۇ. تۇرمۇشتا يېڭىلىق تۇيغۇسى ئىنتايىن مۇھىم، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا يېڭىلىق تۇيغۇسى كۆپ كەيپىيات مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالايدۇ. تۇرمۇش مەڭگۈ يېڭىلىقلاردىن خالىي بولالمايدۇ، بەزى يېڭىلىقلارنى بىز پاسسىپ ھالەتتە قوبۇل قىلىمىز، چۈنكى ئۇنى ئۆزگەرتىش قولىمىزدىن كەلمەيدۇ، بۇ چاغدا كىشىدە پاسسىپ ئېنىرگىيە شەكىللىنىدۇ. بەزى يېڭىلىقلارنى ئۆزىمىزگە تايىنىپ يارىتالايمىز، مەسىلەن ساياھەتكە چىقىش، يەپ باقمىغان تائاملارنى يېيىش، قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىش، بۇ ئاكتىپ يېڭىلىق، چۈنكى تاللاش ھوقۇقى ئۆزىمىزنىڭ قولىدا، مانا بۇ بىزدە ئاكتىپ ئېنىرگىيە پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا مۇشۇ تۇرمۇش ئوخشايدۇ دەپ ئولتۇرىۋەرمەي يېڭىلىققا ئىنتىلىپ تۇرۇڭ، شۇندىلا تۇرمۇشىڭىز مەنىلىك ۋە رەڭگارەڭ ئۆتىدۇ.

بەخت تۇيغۇسى كېمىيىش ئېففىكتى-ئېرىشكىنىڭىز قانچە كۆپ بولسا بەخت تۇيغۇرىڭىز شۇنچە ئاز بولىدۇ.

ئادەتتىكىدەك مۇھىتتا تۇرغان كىشىلەر بەلكىم كىچىككىنە ئىش سەۋەبلىك قاقاقلاپ كۈلۈپ خوشال بولۇپ كېتىشى مۇمكىن، لېكىن تۇرغان مۇھىتى ياخشىلانغاندا ئەينى چاغدا شۇنى قاقاقلاپ كۈلدۈرگەن ئىشلار ئۇنىڭغا تەسىر قىلماس بولىدۇ، چۈنكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجى ۋە قارىشى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ئەينى چاغدىكىگە ئوخشاش شەيئىلەر بىزگە شۇ چاغدىكىدەك تەسىر قىلالماس بولۇپ قالىدۇ، بىزمۇ بۇنىڭدىن ئەينى چاغدىكىدەك خوشاللىق ۋە بەخت تۇيغۇسى ھېس قىلالمايمىز. شۇڭا بەك كۆپ نەرسىلەرنى تەلەپ قىلىپ كەتمەڭ، يۈتتۈرۈپ قويغىنىڭىز ئۇنىڭدىن كۆپ ۋە قىممەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئېرىشكەن نەرسىلىرىم قانچە كۆپ بولسا شۇنچە بەختلىك بولىمەن دەپ ئويلاپ قالماڭ، بەلكىم بۇ سىزنىڭ دەۋرىيلىك ئېھتىياجىڭىز بولۇشى مۇمكىن، شۇ مەزگىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۆمۈرلۈك ئېھتىياجىڭىز ۋە ئارزۇيىڭىزنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ قالىسىز. ياخشى كۈنگە ئېرىشكەندە قىيىنچلىقتا ئۆتكەن ۋاقىتلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالماي ئەسلەپ تۇرايلى، شۇندىلا ئەينى چاغدىكى كىچىككىنە خوشاللىقلارنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايمىز، بەخت تۇيغۇرىمىزمۇ ئۇزاق داۋاملىشىدۇ.

رازىمەنلىك تۇيغۇسىنى كېچىكتۈرۈش ئېففىكتى-بەلكىم سەۋرچان بولسىڭىز باشقىلاردىنمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن.

بەلكىم باشقىلار بىر تال كەمپۈتنى ئېلىپلا رازى بولۇپ يۈگۈرۈپ كەتكەندە سىز سەۋرچانلىق بىلەن ساقلىسىڭىز ئىككى تال كەمپۈتكە ئېرىشىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇنداق دېگىنىمىز باشقىلاردىن كۆپ نەرسىگە ئېرىشسىلا رازىمەنلىك تۇيغۇسى كۈچلۈك بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، بۇنىڭ سان-سېفىر بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، پەقەت رازىمەنلىك تۇيغۇسىنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن داۋاملىشىشى بىلەن مۇناسىۋىتى بار. ۋاقىت قانچە ئۇزۇن بولغانسېرى بۇ خىل ھېسسىياتمۇ شۇنچە ئۇزۇن داۋاملىشىپ سىزدە كەلگۈسىگە نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭ ئۈمىد ۋە ئارزۇ-ئىستەكلەر تۇغۇلىدۇ، بۇ روھىي جەھەتتىكى رازىمەنلىك.

مۇكەممەللىك ئېففىكتى-بىر ئىشلارنى بەك مۇكەممەل ئويلىۋالماڭ، ئۆزىڭىزگە قىلىپ قويىسىز

بۇ دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم يوق، مۇكەممەل نەرسىمۇ يوق، ئەگەر مۇشۇ قائىدىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە مۇكەممەللىكنى ھەددىدىن زىيادە قوغلىشىپ تۇرۇۋالسىڭىز ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنى ھاردۇرۇپ قويىسىز، بەلكىم يەنە دوستىڭىز، مۇھەببىتىڭىز ھەتتا ئۆزىڭىزنىمۇ يوقىتىپ قويىشىڭىز، تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

پىرىماك ئېففىكتى-ئىشنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئۆزىڭىزنى مۇكاپاتلاپ قويۇڭ

بۇ سىزگە ئىشەنچ ۋە كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ، تېخىمۇ چىدامچان روھقا ئىگە قىلىدۇ، يەنە كەيپىياتىڭىزغىمۇ ئاكتىپ تەسىرى بولىدۇ، روھىي-ھالىتىڭىز كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ، كەلگۈسى ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ يۈرۈشىشىگە مەبلەغ سالغان بولىسىز. جاپانىمۇ يەتكۈچە تارتتىڭىز، ئەمدى ئۆزىڭىزنى مۇكاپاتلاپ قويۇڭ، ئادەم دېگەن جاپانىمۇ چېكەلەيدىغان، ھوزۇرنىمۇ سۈرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك، ئىشلىگەندە بېسىپ ئىشلەڭ، ئارام ئالغاندا ياخشى ئارام ئېلىڭ، مانا بۇ ئاددىي ھەم بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئۆلچىمى.

سېرگمان ئېففىكتى-ئارزۇيىڭىزدىن ۋاز كەچمىسىڭىز بەختنى تۇتالايسىز

ھەممەيلەننىڭ قەلبىدە ئارزۇ ئۇرۇقى بار، بەزىلەرنىڭ بىخ سۈرۈپ بۈك-باراقسان بولۇپ كەتتى، بەزىلىرىمىزنىڭ ھەر خىل سەۋەبتىن قۇرۇپ كەتتى.

لېكىن تۇرمۇشتا ھېچقاچان ئاسان ئىش بولۇپ باققان ئەمەس، ھەتتا ئۆزىڭىزمۇ ئارزۇيىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشەنچ قىلالمىسىڭىز ئۇنداقتا ئۇنىڭ قۇرىغىنى قۇرىغان. ھەسرەت چېكىپ ئولتۇرغاندىن تىرىشىپ بېقىڭ، چۈنكى ھەر قانداق شەيئىنىڭ تەرەققىي قىلىش ئوربېتىسى ئەگرى-توقاي بولىدۇ، ھېچكىممۇ بىر تۈز سىزىق بىلەن پەللىگە چىقىپ كېتەلمەيدۇ، چىققان تەقدىردىمۇ چۈشۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ، تەستە قولغا كەلگەن غەلىبىنىڭ ئەتىۋارى بولغاچقا ئۇنداق ئاسان قولدىن كەتمەيدۇ. ھېچبولمىغاندا سىز ئەشۇ ئارزۇ بىخلىرىڭىزنى سۇغۇرۇپ بېقىشقا جۈرئەت قىلىپ بېقىڭ، بەختىڭىز مەڭگۈ ئۆزىڭىزنىڭ قولىڭىزدا، قانداق تاللاش ئۆزىڭىزگە باغلىق.

روسىنتار ئېففىكتى-ئاكتىپ پىسخىكىلىق بېشارەت غەلىبە قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى

بەزى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى پاسسىپ ئېنىرگىيەگە تولغان بولىدۇ، بۇ خىل مۇھىتتىن ئۈزۈپ چىقالايدىغانلار ئىنتايىن ئاز ساندا، ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرى ئەمەس. شۇڭا بۇنداق مۇھىتتىكى كىشىلەر ئۆزىگە ئاكتىپ پىسخىكىلىق بېشارەت بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىشى، كۈندە ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك. ماختاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشكە تولغان مۇھىتتا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلارنىڭ توغرا يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلىش ئېھتىماللىقى ۋە غەلىبە قازىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ، ئىش-ھەرىكەتلىرىمۇ بارا-بارا ئاكتىپ بولىدۇ، ياخشى بولغان پىسخىكا قارىشىمۇ ئۇنىڭ بىر ئىشلارغا توغرا ھۆكۈم چىقىرىشىغا ياردىمى بولىدۇ. بۇ خىل مۇھىتنىڭ پۇل بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، پەقەت ئەتراپىڭىزدا بىر تۈركۈم شۇنداق ئاكتىپ ئېنىرگىيەلىك كىشىلەر بولسىلا كۇپايە، ئائىلىنى ئۆزىمىز تاللىيالمىغاندىن سىرت دوست ۋە مۇھەببەتنى تاللاش ھوقۇقى ئۆزىمىزنىڭ قولىدا بولىدۇ، شۇڭا بۇ جەھەتتە بىز يەنىلا باراۋەر.

1123201908_1533012907457_title0h.jpg
U020180801334878439684.jpg
微信图片_20180731181212.jpg
W020180728557690397343.jpg
U020180801335693759434.jpg