يېقىنقى 10 يىل مابەينىدە بارسېلونا سېۋىللادىن بەش توپچى سېتىۋالغان
0
2018-07-12 16:39:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

بارسېلونا كوماندىسى ھەر يىلى سېۋىللا كوماندىسىنىڭ توپچىلىرىغا دىققەت قىلىپ تۇرىدۇ. ئىستاستىكا قىلىنىشىچە، ئۆتۈپ كەتكەن 10 يىل مابەينىدە بەش نەپەر سېۋىللا توپچىسى بارسېلونا كوماندىسىغا قوشۇلغان.

تاراتقۇلارنىڭ ئىستاستىكا قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، 2008-يىلىدىن ھازىرغىچە بارسېلونا كوماندىسى سېۋىللا كوماندىسىغا ڄەمئىي 117 مىليون ياۋرو يۆتكىلىش ھەققى بېرىپ توپچى قوشۇۋالغان. بۇ پۇلغا بارسېلونا كوماندىسى سېۋىللا كوماندىسىدىن دانى ئالۋىس، كېيتا، ئادرىئانو، راكتىچ، ئالكىس ۋىدال قاتارلىق توپچىلارنى سېتىۋالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، پات ئارىدا بارسېلونا كوماندىسىغا قوشۇلدىغان فرانسىيەلىك مۇداپىئەچى لېنگلىتمۇ بار.

سېۋىللا كوماندىسىدىن بارسېلونا كوماندىسىغا قوشۇلغان بۇ توپچىلار ئىچىدە ئەڭ قىممەت باھادا بارسېلوناغا قوشۇلغان توپچى دانى ئالۋېس بولۇپ، ئۇنىڭ يۆتكىلىش سوممىسى 36 مىليون ياۋروغا يېتىپ بارغان. ئەلۋەتتە، بۇ بىرازىلىيەلىك توپچىنى قوشۇۋېلىش بارسېلونانىڭ ئەڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغان سودىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بارسېلونا كوماندىسى دانى ئالۋېسنى كوماندىغا قوشۇۋالغاندىن كېيىن، 2008-يىلى كېيتانى 14 مىليون ياۋرو باھادا كوماندىغا قوشۇۋالغان. ئادرىئانو بارسېلونا كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن كېيىن ئالتە پەسىل توپ تەپكەن، كېيىن بېشىكتاش كوماندىسىغا يۆتكىلىپ كەتكەن.

كرودىيەلىك توپچى راكتىچ 2014-يىلى 18 مىليون ياۋرو باھادا سېۋىللادىن بارسېلوناغا قوشۇلغان، 2016-يىلى ئالكىس ۋىدالمۇ سېۋىللادىن بارسېلوناغا قوشۇلغان. ھازىر تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بارسېلونا كوماندىسى كەلگۈسى بىر نەچچە سائەت ئىچىدە سېۋىللا كوماندىسىدىن لېنگىلىتنى قوشۇۋالدىكەن.

1123105096_1531207638403_title0h.jpg
U020180711351653783246.jpg
U020180711356969454554.jpg
U020180711358330043361.jpg
1123100748_1531140921811_title0h.jpg