قىسقۇچپاقا تۇتقاندا يۇقۇملانغان ئەرنىڭ پۇت-قوللىرى كېسىۋېتىلىشى مۇمكىن
0
2018-07-12 16:41:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

نيۇيورك كۈندىلىك خەۋەرلىرىنىڭ 10-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ يېڭى جېرسىي ئىشتاتى مىلۋىل شەھىرىدىكى 60 ياشلىق پېرىس قىسقۇچپاقا تۇتقاندا باكتېرىيەدىن يۇقۇملانغان، كېسىلى جىددىي بولۇپ، پۇت-قوللىرىنى كېسىۋېتىش خەتىرىگە دۇچار بولغان.

2-ئىيۇل پېرىس يېڭى جېرسىينىڭ مورىس دەرياسىدا قىسقۇچپاقا تۇتقان، لېكىن نەچچە سائەتتىن كېيىن پۇت-قوللىرى تالغان ھەم قىزىرىپ قالغان. پېرىس بەدىنىدە ئۆزىچىلا قاپارتما ۋە تاتۇق پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى، ئوڭ پۇتىنىڭ توپتەك ئىششىپ، ئاندىن قوڭۇر رەڭگە كىرىپ قالغانلىقىنى بايقىغان.

پېرىس دوختۇرخانىغا داۋالانغىلى بارغاندا دوختۇر ئۇنىڭغا ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بىر ئىشنى ئېيتقان: يۇقۇم پۇت-قولىڭىزغا تارقىلىپتۇ، ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر، پۇت-قوللىرىڭىزنى كېسىۋەتكەندىلا ئاندىن جېنىڭىزنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، پېرىس ئاز ئۇچرايدىغان ۋىبرىئون ئۇرۇقدىشىدىن يۇقۇملانغان. ۋىبرىئون بىر خىل گۆشخور باكتېرىيە بولۇپ، ئىلمان سۇدا ئەڭ كۆپ بولىدىكەن، خام دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى يېگەندە ياكى يارا ئېغىزى دېڭىز سۈيىگە تەكگەندە ئاسانلا يۇقۇملىنىدىغان بولۇپ، نىكروزلىنىشچان سېرىقئەت ياللۇغى پەيدا قىلىدىكەن. نىكروزلىنىشچان سېرىقئەت ياللۇغى باكتېرىيەلىك تېرە يۇقۇملۇق كېسىلى بولۇپ، جاننى ئالىدىكەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مېكسىكا قولتۇقىدا ھەر يىلى كۆپلىگەن ئادەم ۋىبرىئون ئۇرۇقدىشىدىن يۇقۇملىنىدىغان بولۇپ، ئاز بىر قىسمىلا جاننى ئالىدىغان ۋىبرىئون ئىكەن. لېكىن يېقىنقى يىللاردا يۇقۇملىنىش كۆپ يۈز بەرگەن بولۇپ، سەھىيە ئىدارىسى يارا ئېغىزى ساقايمىغانلارنى دېڭىز سۈيىگە تەگمەسلىككە دەۋەت قىلغان.

پېرىس قىسقۇچپاقا تۇتقاندا بەدىنىدە يارا بولسا سۇدىكى ياكى قىسقۇچپاقىدىكى ۋىبرىئوندىن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن. پېرىس ئەسلىدىنلا پاركىنسون كېسىلى بىمارى بولۇپ، تېخىمۇ ئاسان يۇقۇملىنىدىكەن، ھازىر كېسىلى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، ئاران گەپ قىلالايدىكەن.

دوختۇر پېرىسنى ئانتىبىيوتىكتا داۋالىماقچى بولدى، ئۈنۈمى بولۇش-بولماسلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس، لېكىن پېرىسقا نىسبەتەن بۇ بىر ئۈمىد.

1123105096_1531207638403_title0h.jpg
U020180711351653783246.jpg
U020180711356969454554.jpg
U020180711358330043361.jpg
1123100748_1531140921811_title0h.jpg