شىنجاڭ كوماندىسى ئادامىستىن ۋاز كەچسە ئۇ قايسى كوماندىغا بارىدۇ؟
0
2018-07-12 16:45:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

تاراتقۇلاردا ئاشكارلىنىشىچە، شىنجاڭ كوماندىسى ياردەمچى چەتئەللىك ئەزاغا ئېل جېففېرسوننى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن، داۋاملىق ئاساسلىق چەتئەللىك ئەزانى تاللاۋاتقان بولۇپ، نامزاتلارنىڭ ئىچىدە ھەتتا NBAنىڭ ئىلگىرىكى سابىق مەرگەنلىرىمۇ بار ئىكەن، ھازىرقى چەتئەللىك ئەزاسى دارىئۇس ئادامىس بىلەن داۋاملىق توختاملىشىشمۇ ئۇلارنىڭ بىر تاللىشى بولۇپ، بىراق بۇنىڭ ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس ئىكەن. ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلى ئادامىسنىڭ CBA ھاياتىدىكى ئەڭ «ھەشەمەتلىك» نەتىجە ياراتقان بىر پەسلى بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرىچە ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە 38.7 نومۇر، 6.8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىش ۋە 8.5 قېتىم ياردەمچى پاس بېرىپ،2.6 قېتىم توپ تارتىۋېلىشتەك نەتىجىنى ياراتتى، نومۇر ئېلىش، توپ تارتىۋېلىش ۋە ھۇجۇم پاس بېرىش جەھەتتىكى نەتىجىسى بىرلەشمە بويىچە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرگەن، بولۇپمۇ نومۇر ئېلىش جەھەتتىكى نەتىجىسى بىرلەشمە بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

ئادامىسنىڭ ئىپادىسى مۇشۇنداق ياخشى بولغاچقا نۇرغۇن توپ مەستانىلىرى ئادامىسنى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تارىخىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق چەتئەللىك ماھىر دەپ ئاتىغان، شىنجاڭ تارىخىدا ئۆتكەن چەتئەللىك ماھىرلارنىڭ ئىچىدە پوزىتسىيە ۋە ئىقتىدار جەھەتتە ئادامىسقا تەڭلىشەلەيدىغىنى بەلكىم شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تارىخىدىكى تۆھپىكار چەتئەللىك ماھىر مىيرون ئاللېن بولۇشى مۇمكىن. ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلى يەنە شىنجاڭ كوماندىسى ياردەمچى چەتئەللىك ئەزانىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىغان بىر مۇسابىقە پەسلى بولدى، چۈنكى بىلاتچ يارىدارلىق سەۋەبىدىن ئاساسەن پۈتۈن بىر مۇسابىقە پەسلى توپ ئوينىيالمىدى، شىنجاڭ كوماندىسى ۋاقىتلىق تېپىپ كەلگەن چەتئەللىك ماھىرلاردىن شاۋئىن لوڭ ۋە ئاۋگۇستو لىمانىڭ ئىپادىسى باشقا كوماندىلاردىكى چەتئەللىك ماھىرلاردىن خېلىلا تۆۋەن بولدى. گەرچە مۇشۇنداق بولسىمۇ شىنجاڭ كوماندىسى يەنىلا دائىملىق مۇسابىقىدە ئالتىنچى بولۇشتەك نەتىجە بىلەن پەسىلدىن كېيىنكى شاللاش مۇسابىقىسىغا كىردى، بۇنىڭدا ئاساسلىق چەتئەللىك ماھىر ئادامىسنىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ.

بىراق پەسىلدىن كېيىنكى شاللاش مۇسابىقىسىغا كىرگەندىن كېيىن دائىملىق مۇسابىقىدىكى قالتىس ماھىر ئادامىس تۇيۇقسىز «ئوق ئاتالماس» بولۇپ قالدى، گۇاڭدوڭ كوماندىسى بىلەن ئوينىغان بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئوتتۇرىچە ھەر بىر مەيدانىدا ئارانلا 25 نومۇر ئالدى، بۇ نەتىجە ئۇنىڭ دائىملىق مۇسابىقىدىكى نەتىجىسىدىن خېلىلا تۆۋەن بولۇپ، شۇڭا شىنجاڭ كوماندىسى ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا مەيداندا پەقەت ئىپادىسى بۇرۇنقىغا يەتمەيدىغان بىلاتچنى قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولدى، ئاخىرىدا گۇاڭدوڭ كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىنىپ كەتتى. بەلكىم ئادامىسنىڭ پەسىلدىن كېيىنكى شاللاش مۇسابىقىسىدە ئىپادىسى تۇيۇقسىز چېكىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن شىنجاڭ كوماندىسى ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمەكچى بولغان بولۇشى مۇمكىن! ئۇنداقتا مەسىلە شۇكى، ناۋادا شىنجاڭ كوماندىسى ئادامىستىن ۋاز كەچسە زادى قايسى كوماندا ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى بۇ نومۇر ئېلىش شاھىغا ئېرىشىدۇ؟

ئالدى بىلەن يېقىندىن بۇيان جىددى چەتئەللىك ماھىر ئىزدەۋاتقان شەندوڭ گاۋسۇ كوماندىسى ئادامىسقا ناھايىتى قىزىقىدۇ، تۈنۈگۈن ئۇلارنىڭ شىنجاڭ كوماندىسى ۋاز كەچكەن يەنە بىر چەتئەللىك ماھىر گۇدىلوكقا قىزىقىپ قالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى، بىراق ئادامىس ئۈچ نومۇرلۇق توپىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى جەھەتتە گۇدىلوكقا يەتمىگەندىن باشقا قالغان جەھەتلەردە گۇدىلوكتىن خېلىلا ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئادامىسنىڭ پاس ئارقىلىق كوماندىنى يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارىمۇ ئوخشاشلا ياخشى بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئۇ كوماندىدىكى دىڭيەن يۈخاڭغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرەلەيدۇ. گۇاڭدوڭ كوماندىسىمۇ ئوخشاشلا مۇشۇنداق بىر چەتئەللىك ماھىرغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تۈزۈك ئاساسلىق چەتئەللىك ماھىرغا چىقىنالمىغان گۇاڭدوڭ كوماندىسى ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىمۇ چەتئەللىك ماھىر تاللاشتا مەغلۇپ بولدى، يەنى ئۇلارنىڭ ئاساسلىق چەتئەللىك ماھىرى جېكسوننىڭ توپ ئويناش ئۇسلۇبى CBAغا ماس كەلمىدى، پەسىللىك شاللاش مۇسابىقىسى ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن چەتئەللىك ماھىرى سىرونمۇ كوماندىغا تۈزۈك ئەسقاتمىدى. ناۋادا گۇاڭدوڭ كوماندىسى ئادامىسنى تاللىسا ئۇلار ھېچ بولمىغاندا قايتىدىن ناتونۇش بىر چەتئەللىك ماھىر تاللاش خەۋپىدىن قۇتۇلىدۇ، ئادامىس گۇاڭدوڭ كوماندىسىغا يېتەرلىك كۈچ بېرەلەيدۇ. ئاخىرىدا لىياۋنىڭ كوماندىسىمۇ ئادامىسنى قوشۇۋېلىشى مۇمكىن! ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە لىياۋنىڭ كوماندىسىنىڭ يېشى چوڭىيىپ قالغان چەتئەللىك ماھىر ھۇدىسوننى ئالماشتۇرىۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپ قېتىم خەۋەرلەر تارقالغان بولسىمۇ بىراق ئۇلار يەنىلا چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن بولغاچقا كوماندىنىڭ سېپىنى ئالدىراپ ئۆزگەرتمەسلىكى مۇمكىن، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئادامىسنى قوغلىشىش ئېھتىماللىقى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

1123105096_1531207638403_title0h.jpg
U020180711351653783246.jpg
U020180711356969454554.jpg
U020180711358330043361.jpg
1123100748_1531140921811_title0h.jpg