بېنگال يولۋىسى چىشىنى ئەتكەس قىلماقچى بولغان ھىندىستانلىقلار تۇتۇلدى
0
2018-07-12 16:52:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ 11-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان بېنگال ساقچىلىرى 11-ئىيۇل بېنگال يولۋىسى چىشىنى جۇڭگوغا ئەتكەس قىلماقچى بولغان ھىندىستانلىق ئۈچ ئەرنى تۇتقان. ئېيتىلىشىچە، ئۇلار بۇ چىشلارنى نېپال ئارقىلىق جۇڭگوغا توشۇماقچى بولغانىكەن.

ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار 11-ئىيۇل سەھەر سائەت نۆلدە Chalsa ئورمانلىقىدا يۈرۈش-تۇرۇشى غەلىتە 4 ئادەمنىڭ بىر ئىشلارنى مەخپىي پىلانلاۋاتقانلىقىنى بايقىغان، كېيىن ئۇلار بۇ تۆت ئادەمنى كونترول قىلماقچى بولغان، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر گۇماندار قېچىپ كەتكەن.

كېيىن ساقچىلار تۇتۇلغان ئۈچىنىڭ يېنىدىن 1.9 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يولۋاس چىشىدىن ئىككىنى ۋە 2.9 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يولۋاس چىشىدىن بىرنى تاپقان، ساقچىلار سوراق قىلغاندا ئۇلار بۇ يولۋاس چىشلىرىنى جۇڭگوغا توشۇشتىن ئىبارەت ئەتكەستىلىك پىلانىنى ئىقرار قىلغان.

ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۈچىنىڭ ئەتكەسچىلىك جىنايىتى بېكىتىلسە ئۇلار يۇقىرى بولغاندا يەتتە يىل تۈرمىدە ياتىدىكەن.

ساقچىلارنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، بۇلار بۇتاندا ئۆلتۈرۈلگەن بېنگال يولۋىسىنىڭ چىشلىرى ئىكەن، تەكشۈرگۈچىلەر ئۇ يولۋاسنىڭ تېرىسى ۋە سۆڭەكلىرىنى ئىزدەۋېتىپتۇ.

1123105096_1531207638403_title0h.jpg
U020180711351653783246.jpg
U020180711356969454554.jpg
U020180711358330043361.jpg
1123100748_1531140921811_title0h.jpg