بالىلاردىكى قولتۇق پۇراشنى قانداق داۋالاش كېرەك؟
0
2018-07-12 16:55:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

قولتۇق پۇراش بىر خىل ئېرسىي كېسەللىك بولغاچقا، كۆپىنچە كىشىلەردە كىچىكىدىن تارتىپلا قولتۇق پۇراش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. قولتۇق پۇراشنىڭ بالىلارغا كەلتۈرىدىغان زىيىنى چوڭلارغا قارىغاندا ئېغىر بولىدۇ. بالىلارنىڭ تېرىسى نازۇك بولغاچقا، ئاتا-ئانىلار قارىغۇلارچە دورا ئىشلەتكەندە، تېرىدىكى ئوزۇقلۇقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ۋاستىلىك ھالدا تەر دېغى، قولتۇق تۈكى تەمرەتكىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى قولتۇق پۇراش بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا بولغان زىيىنىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولالمايمىز. كىلىنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا قولتۇق پۇراش سەۋەبلىك پىسخىكىسى توسالغۇغا ئۇچراۋاتقان بالىلارنىڭ سانى كۈنسېرى ئېشىۋېتىپتۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى قولتۇق پۇراش ئەھۋالىغا ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، بالىلارنى بۇ باش قېتىنچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشىشى كېرەك.

1. ساغلام ئوزۇقلىنىش. يېمەك-ئىچمىكى مايسىز بولۇش، سۇ تەركىبى مول كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى يېيىش كېرەك. چۈنكى ئۇلار تەرەت بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپ، ئاشقازاندىكى ئورگانىك ماددىلارنى چىقىرىپ، باكتېرىيەلەرنىڭ ياشىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرمەيدۇ، بۇ تەبىئىيلا قولتۇق پۇرىقىنى يېنىكلىتىدۇ. بولۇپمۇ ياز كۈنلىرى تاۋۇزنى كۆپ يەپ، سۇنى جىق ئىچىپ بېرىش كېرەك.

2. كەيپىياتنى تەڭشەش. بالىلارنىڭ قولتۇقى پۇرىغاندىن باشلاپ، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىشى كېرەك. بالىلار قولتۇق پۇراش سەۋەبلىك ئۆزىنى كەمسىتىشى ۋە تەشۋىشلىنىشى مۇمكىن. بۇ بالىلارنىڭ كېيىنكى ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار چوقۇم بالىلىرىنى پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەپ، قولتۇق پۇراشنىڭ ئۇلارغا پەيدا قىلىدىغان تەسىرىنى كىچىكلىتىشى كېرەك.

3.يېتەرلىك ئۇيقۇ. ھەركۈنى يېتەرلىك ئۇخلاش بەدەن ساغلاملىقى ۋە بەدەننىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە پايدىلىق بولۇپ، ھەر خىل مەسىلىلەرگە قارىتا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەيدۇ، كۈچەيتىدۇ. دائىم تۈنەيدىغانلاردا قولتۇق پۇراش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.

4. تازلىققا رىئايە قىلىش. ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، بولۇپمۇ قولتۇق تېرىسىنىڭ قۇرغاق تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بەدەندىكى باكتېرىيەلەرنىڭ زىيادە كۆپىيىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەيدۇ. شۇڭا، دائىم يۇيۇنۇپ، ئىچ كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. يازدا يېنىك، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان كىيىملەرنى تاللاپ كىيىش كېرەك.

1123105096_1531207638403_title0h.jpg
U020180711351653783246.jpg
U020180711356969454554.jpg
U020180711358330043361.jpg
1123100748_1531140921811_title0h.jpg