رۇسىيە خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىغا بېرىشتىكى ئەڭ تېز سۈرئەت رېكورتى ياراتتى
0
2018-07-12 17:03:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

چەتئەل تاراتقۇسى BGRنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە يۈك تىرانسپورت ئالەم كېمىسىدە خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىغا تەمىنات يەتكۈزۈش بىر خىل دائىملىق، مۆلچەرلەشكە بولىدىغان ئىشقا ئايلاندى، ئەمما 10-ئىيۇلدىكى تەمىنات يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىگە دىققەت قىلىپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ. بۇ «ئىلگىرىلەش» ناملىق يۈك تىرانسپورت ئالەم كېمىسى گرېنۋىچ ۋاقتى كەچ سائەت 10دىن بۇرۇن قازاقىستاندىكى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، بىر قانچە سائەتتىن كېيىن بوشلۇق پونكىتىغا يېتىپ كەلدى. قويۇپ بېرىپ يېتىپ بارغۇچە پەقەت ئۈچ سائەت 40 مىنۇت ۋاقىت كەتتى.

بۇرۇن يۈك تىرانسپورت ئالەم كېمىسى بوشلۇق پونكىتىغا يېتىپ بېرىشتىكى ئەڭ تېز سۈرئەت 5 سائەت 39 مىنۇت بولغان. بۇ ئەڭ يېڭى ۋەزىپىدە ۋاقىت ئىككى سائەت قىسقارتىلغان.

ئۇنداقتا رۇسىيە ئالەم قاتناش ئىدارىسى بۇنى قانداق ئىشقا ئاشۇرغان؟ ئىگىلىنىشچە، بۇ ئورۇن يېڭىلانغان يول باشلاش سىستېمىسى ئىشلەتكەن. بۇ سىستېما ئۇلار بۇرۇن ئىشلەتكەن ھەر قانداق سىستېمىسىدىن ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىملىق سەپەر تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇپ، يۈك تىرانسپورت ئالەم كېمىسىنىڭ بوشلۇق پونكىتىغا بېرىش ۋاقتى ئۈنۈملۈك قىسقارتىلغان.

يېڭى يول باشلاش سىستېمىسى بەلگىلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن، ئەمما ئالەم كېمىسىنىڭ بوشلۇق پونكىتىغا بۇنداق تېز سۈرئەتتە يېتىپ بارالىشىدا كۆپلىگەن ئامىللار رول ئوينىغان، بولۇپمۇ خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىنىڭ يەر شارى ئوربېتاسىدىكى ئورنى ھالقىلىق رول ئوينىغان. ئالەم كېمىسى بەزىدە ئىككى كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ بوشلۇق پونكىتىغا تۇتىشىدۇ، ئەمما بۇ قېتىم بوشلۇق پونكىتى تەمىنات يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىگە تېز سۈرئەتتە تەييارلىق قىلغان.

1123105096_1531207638403_title0h.jpg
U020180711351653783246.jpg
U020180711356969454554.jpg
U020180711358330043361.jpg
1123100748_1531140921811_title0h.jpg