ئۆمرىمىزنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى كارىۋاتتا ئۆتىدۇ، ياستۇقنى توغرا ئىشلىتىپسىزمۇ؟
0
2018-07-12 17:06:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ياستۇق دېگەننى باشقا ئەمەس بويۇنغا قويغىلى ئىشلىتىش كېرەككەن ئەمەسمۇ، ھەممىمىز خاتالىشىپتۇق.

قۇرامىغا يەتكەن بىر كىشىنىڭ بىر كۈنلۈك ئۇخلاش ۋاقتى نورمال بولغاندا 7~9 سائەتكىچە بولىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق ئادەم ئۆمرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئۇخلاپ ئۆتكۈزىدۇ دېگەن گەپ. سىزنىڭ بويۇن-ئومۇرتقىڭىز ئۆمرىڭىزنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم ۋاقتىنىڭ ھەممىسىدىلا ياستۇق بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ. ئۇنداقتا ياستۇقنى قانداق ئىشلەتسەك توغرا بولىدۇ؟

بىر پىرىنسىپ: ياستۇق دېگەننى باشقا ئەمەس بويۇنغا قويۇپ ئىشلىتىمىز. ئەگەر ياستۇقنى خاتا ئىشلىتىپ قېلىش ياكى باشقا خاتا قويۇش تولىمۇ قورقۇنچلۇق! نۇرغۇنلىغان كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ.

1. بويۇن-ئومۇرتقا كېسىلى

ئەگەر بەك ئېگىز ياستۇقنى باشقا قويۇپ ئۇخلىغاندا ئۇخلىغاندىكى پۈتۈن جەرياندا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇرغانغا باراۋەر. مۇشۇنداق ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا بويۇن-ئومۇرتقىنىڭ ڢىزىئولوگىيىلىك ئەگمىسى سوزۇلۇپ تۈزلىنىپ، زەخمىگە ئۇچراپ ئوڭايلا بويۇن-ئومۇرتقا كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. مېڭە يىگىلەش

ئۇزۇن مەزگىل بەك ئېگىز ياستۇقنى ئىشلەتكەندە باش قىسمىغا قان يېتىشمەيدىغان ۋاقىتمۇ شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ، بۇ باش قىسمىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا كۆرۈلىدىغان دېۋەڭلىك كېسىلىنى ئالدىغا سۈرۈپ مېڭە يىگىلەش قاتارلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

3. تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قېلىش

ياستۇقنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى ئوڭايلا يۈرەك-مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى، مېڭىگە قان چۈشۈش، مېڭە سەكتە بولۇپ قېلىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇۋاپىق بولمىغان ياستۇقنى ئىشلەتكەندە ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىگە قان يېتىشمەي مېڭىنى زەخىمىلەندۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قان بېسىمىنى ئۆرلىتىپ يۈرەك سوقۇشىنى تىزلىتىۋېتىدۇ، يۈرەك-مېڭىگە قان بىلەن ئوكسېگىننىڭ يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تۇيۇقسىز ئېغىرلاپ كېتىشىنى ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن.

4. نەپەسلىنىشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ

ياستۇق زىيادە پەس بولسا قان ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا تەكشى يەتكۈزۈلمەي، بۇرۇن شىلىمشىق پەردىسىگە قان تولۇپ ئىششىق قېلىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇرۇننىڭ شىلىمشىق پەردە ياللۇغى بەكلا سەزگۈر كېلىدۇ، ئىششىپلا قالسا نەپەسلىنىش تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

5. كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كېتىدۇ

نۇرغۇن كىشىلەر ياستۇقنى خاتا ئىشلەتكەندە كۆرۈش قۇۋۋىتىگىمۇ تەسىرى بارلىقىنى بىلمەيدۇ. بويۇن-ئومۇرتقا تەبىئىي ئەگرىلىكىنى ساقلىغان ھالەتتە تۇرۇشقا ئامالسىز قالغاندا كۆرۈش سېزىمى نېرۋىسى بېسىلىپ قالىدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتى: كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، نۇرغا قارىيالماسلىق، كۆزدىن ياش ئاقىدىغان بولۇپ قېلىش، كۆز ئىششىپ قېلىش قاتارلىقلار ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغاندا بىمارنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

6. يۇقىرى قان بېسىم بولۇپ قېلىش

« ئومۇرتقا خاراكتېرلىك يۇقىرى قان بېسىم» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل كېسەل بولۇپ، بۇ ياستۇقنىڭ موۋاپىق بولمىغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئومۇرتقا خاراكتېرلىك يۇقىرى قان بېسىم دېگىنىمىز ئومۇرتقا ئومۇرتقىدىكى ئارتېرىيە تومۇرىنى بېسىۋالغانلىقتىن قاننىڭ ئېقىشى ئاستىلاپ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋەتكەنلىكتىن بولىدىغان كېسەللىكنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى ياش بالىلاردا قان بېسىم بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ ياشلارنىڭ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ يانفون ئوينىغىنىدىن باشقا يەنە ياستۇقنى خاتا ئىشلەتكەنلىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.

7. مۈرىسى قېتىشىش

ياستۇق بەك ئېگىز بولۇپ كەتسە مۇسكۇللارنىڭ چارچاپ زەخمىلىنىشىنى ھەمدە پەيلەرنىڭ سوزۇلۇپ زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پېيى تارتىپ قېلىش، ياللۇغلىنىپ قېلىش، باش قېيىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

8. ئۇيقۇسىزلىق

تەتقىقاتلاردىن كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادىكى 600 مىليون ئۇيقۇسىزلىق ئالامىتى كۆرۈلگەن كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى 150 مىليون كىشىنىڭ ئۇيقۇسىزلىقى ياستۇقنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن. ياستۇقنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىشلەتمەسلىك ھەرخىل ئۇيقۇ توسالغۇسىنى پەيدا قىلىدىغان دەسلەپكى مۇھىم ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىىدىكەن. ئادەتتىكى ياستۇق ماتېرىيالى، ياستۇق شەكلى، قاتتىق-يۇمشاقىلىقى قاتارلىقلارنىڭ ئىلمىي بولماسلىقى تۈپەيلى چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ بىۋاسىتە ئۇخلاۋاتقان چاغدىكى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تەڭشىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ ئۇيقۇ توسالغۇسى پەيدا قىلىدىكەن. ئېغىرراق بولغاندا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئادەت خاراكتېرلىك ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

9. خورەك تارتىش

بەزى كىشىلەر بېشىغا ياستۇق قويۇپ ئۇخلاشنى ياقتۇرمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوڭدىسىغا ياتقان چېغىدا زىيادە كەينىگە بولۇپ قالىدۇ، ئوڭايلا ئاغزى ئېچىلغان ھالەتتە نەپەسلىنىدىغان گەپ، شۇنىڭ بىلەن ئېغىز قۇرۇش، تىلى قۇرغاقلىشىش، گېلى ئاغرىش ۋە خورەك تارتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

ياستۇقىنىڭ رولى بولسا بويۇن-ئومۇرتقىنىڭ تەبىئىي ڢىزىئولوگىيىلىك ئەگرى ھالىتىنى ساقلاش.

ئادەتتە ياستۇق 8~15 سانتىمېتىرغىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەگەر  فورمۇلا بىلەن ئېنىق ھېسابلاشقا توغرا كەلسە، تۆۋەندىكى فورمۇلارنى ئىشلىتىپ ھېسابلىساق بولىدۇ.

فورمۇلا: 2 / (مۈرە كەڭلىكى –باشنىڭ كەڭلىكى)

ئەگەر ئوڭدىسىغا يېتىشقا ئادەتلەنگەن ئادەم بولسا ياستۇقنىڭ ئېگىزلىكى ئەڭ ياخشىسى 8~13 سانتىمېتىرغىچە، يەنى ئۆزىڭىزنىڭ مۇشتۇمىڭىزنىڭ ئېگىزلىكىدەك بولسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تىزىمىزنىڭ ئاستىغا يەنە بىر ياستۇقنى قويۇپ ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىشكىمۇ بولىدۇ.

ئەگەر يانتۇ يېتىشقا ئادەتلەنگەن بولسىڭىز ئۇنداقتا ياستۇقنىڭ ئېگىزلىكى مۈرىڭىزنىڭ كەڭلىكى بىلەن تەڭ بولسا يەنى 13~16 سانتىمېتىرغىچە بولسا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا بويۇن ئومۇرتقىسى بىلەن بەل ئومۇرتقىسى ئاساسەن بىر تەكشى سىزىق ئۈستىدە بولىدۇ.

1123201908_1533012907457_title0h.jpg
U020180801334878439684.jpg
微信图片_20180731181212.jpg
W020180728557690397343.jpg
U020180801335693759434.jpg