يالقۇنتاغنىڭ يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى 80 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتتى
0
2018-07-12 17:11:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

شىنجاڭ تۇرپان ئويمانلىقى ھاۋارايى داۋاملىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھالەتنى ساقلاپ كەلمەكتە، ساياھەتچىلەر يالقۇنتاغدا «ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىقلىق» نى ھېس قىلىشماقتا.

2018-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى شىنجاڭ تۇرپان ئويمانلىقى يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا، شۇ يەرنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى 80 سېلسىيە گرادۇسقا يېقىنلىشىپ قالغان بولۇپ، شەھەر رايونىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40 سېلسىيە گرادۇسقا يەتكەن. ئىگىلىنىشىچە، مۇشۇنداق يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشى بۇ يەرنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ ئاۋاتلىشىشىغا تۈرتكە بولغان. نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەر بەس-بەستە بۇ جايغا كېلىپ ئوت دېڭىزىدىكى «ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىقلىق» نى ھېس قىلىشىپ باقماقچى بولۇشقان. پەقەت يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىدىكى كۈندە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانىلا 2000 ئادەم قېتىمغا يەتكەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشى شۇ يەردىكى ئۈزۈم ۋە باشقا مېۋىلەرنىڭ پىشىشى ۋە سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ھازىرلىغان. ئۈزۈمنىڭ پىشىدىغان ۋاقتى ئۆتكەن بىر قانچە يىللارغا سېلىشتۇرغاندا تەڂمىنەن 10 كۈن ئالدىغا سۈرۈلگەن.

2018 يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇرپان شەھەر رايونىدىن 40 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولغان ۋاقىت بۆلەكلىرىدە يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى 80 سېلسىيە گرادۇسقا يېقىنلىشىپ قالغان. ساياھەتچىلەر يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا تەۋەككۈل قىلىپ مەنزىرە رايونلىرىنى ساياھەت قىلغان، ئوت دېڭىزدىكى «ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىقلىق» نى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.

1123105096_1531207638403_title0h.jpg
U020180711351653783246.jpg
U020180711356969454554.jpg
U020180711358330043361.jpg
1123100748_1531140921811_title0h.jpg