ئەگەر مارستا سۇ بولسا قانداق مەنزىرە كۆرۈلىدۇ؟
0
2018-07-12 17:20:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مارستا ناھايىتى بۇرۇنلا كۆپ مىقداردا سۇ بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتمۈش. يېقىندا كۆرۈش سېزىمى سەنئەتكارى ۋە پۇقرالار ئالىمى سېئان دوران بۇ قىزىل رەڭلىك پىلانېتنىڭ كۆل بىلەن قاپلانغان ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلدى. ئۇ كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ تەسەۋۋۇرىدىكى مارسنىڭ كۆرۈنۈشىنى ھەيۋەتلىك شەكىلگە كەلتۈردى.

دوران NASA مارس ئوربېتىرى قاتارلىقلار توپلىغان سۈرەت ۋە ئۈچ ئۆلەملىك سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىشقا باشلىدى. ئۇ Photoshop ۋە After Effectsتىن پايدىلىنىپ سۈرەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ، قۇرغاق مۇھىتقا سۇ قوشتى. دوران بىر قاتار قىسقا فىلىملەرنى ياسىدى، قارىماققا ئىستراھەت ئورنىنىڭ ئېلانىغا ئوخشايدۇ. «شارپ ئارىلى»دىكى كۈن چىققان كۆرۈنۈش «قىزىقىش» ناملىق مارس ماشىنىسىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى شارپ تېغىدىن كەلگەن، «شارپ ئارىلى» كۆل سۈيى بىلەن قاپلانغان گالې مېتېئورېت ئازگىلى ئىچىدىكى ئارال. قۇياش نۇرى ئاستىدىكى تىپتىنچ كۆل پارقىراپ نۇر چېچىپ تۇرغان.

يەنە بىر ۋىدىيودا كۈندۈزدىك «شارپ ئارىلى»نىڭ كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلگەن.

ئاخىرقىسىدا «گالې كۆلى» بويىدىكى كۈن ئولتۇرغان كۆرۈنۈش كۆرسىتىلگەن.

2014-يىلى ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى (NASA) مارستىكى دەسلەپكى مەزگىلدىكى گالې مېتېئورېت ئازگىلى ئىچىدە شەكىللەنگەن چوڭ تىپتىكى كۆلنىڭ ئۈنۈم سۈرىتىنى ئېلان قىلغان، بۇ سۈرەت دورانغا ئىلھام بولغان.

دوران CNETغا: «بۇ بىر ھەيۋەتلىك ئورۇن، مەن تېخىمۇ ياخشى سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ NASA ئېلان قىلغان بىر قىسىم دەسلەپكى سىناقلارنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ كۆردۈم. بۇ سۈرەتنى ياساشمۇ بىز بىلەن بىز كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىت ئوتتۇرىسىدا ئالاقە شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق» دېدى.

دوراننىڭ سۈرىتى ئىلىم-پەندىن كەلگەن. NASAنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گالې مېتېئورېت ئازگىلى «ئۈچ مىليارد يىل بۇرۇن بىر كۆل بولۇپ، نەچچە مىليون يىلدا تەكرار تولدۇرۇلۇش ۋە پارلىنىش جەريانى»نى باشتىن كەچۈرگەنىكەن.

1123105096_1531207638403_title0h.jpg
U020180711351653783246.jpg
U020180711356969454554.jpg
U020180711358330043361.jpg
1123100748_1531140921811_title0h.jpg