شەندوڭ كوماندىسى شىنجاڭ كوماندىسى ۋاز كەچكەن چەتئەللىك ماھىر گۇدىلوكنى قوشۇۋالماقچى
0
2018-07-12 17:26:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

CBAنىك مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھەرقايسى كوماندىلار يېكى ماھىرلارنى قوشۇۋېلىپ كوماندىسىنى كۈچلەندۈرۈپ، يېكى مۇسابىقە پەسلىگە تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى، بىراق شەندوك گاۋسۇ كوماندىسى بۇ جەھەتتە بىر ئاز قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى، ئۇلار كۆكلىگە پۈككەن ماھىرلار ئارقا-ئارقىدىن باشقا كوماندىلار بىلەن توختاملاشتى، ياردەمچى چەتئەللىك ئەزا جەھەتتە ئۇلار كوماندىسىدىكى موتېي جۇناس بىلەن داۋاملىق توختاملاشتى، بىراق ئاساسلىق چەتئەللىك ئەزاسىنى ھازىرغىچە بېكىتەلمىدى، نۇرغۇن چەتئەللىك ماھىرلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ھازىر ئۇلارنىك شىنجاك كوماندىسى ئىلگىرى ۋاز كەچكەن چەتئەللىك ماھىر ئاندرېۋ گۇدىلوك (Andrew Goudelock) بىلەن بولغان سۆھبىتى ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى، ھازىر گۇدىلاك شەندوك گاۋسۇ كوماندىسىنىك بىرىنچى تاللىشىغا ئايلاندى.    

گۇدىلوك ئىلگىرى 2015/2016-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە شىنجاك كوماندىسى ئۈچۈن توپ ئوينىغان بولۇپ، جەمئى 35 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، ئوتتۇرىچە ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە 22.1 نومۇر، 3.8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىش، 3.2 قېتىم ياردەمچى پاس بېرىپ، 1.1 قېتىم توپ تارتىۋېلىشتەك نەتىجىنى ياراتقان. ھازىر ئۇ ئىتالىيە ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى مىلان كوماندىسىدا توپ ئويناۋاتىدۇ، ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە ئوتتۇرىچە ھەر بىر مەيداندا 18.3 نومۇر ئالغان ۋە كوماندىسىنى يېتەكلەپ ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىك چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتۈرگەن، ئۆزىمۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى «ئەك قىممىتى بار ماھىر» بولۇپ باھالانغان. گۇدىلوكنىك ئالاھىدىلىكى ئانچە روشەن ئەمەس بولۇپ، ئۇ كوللېكتىپچانلىقنى بەكرەك تەكىتلەيدۇ، ئۆزىنى كۆرسىتىشنى خالاپ كەتمەيدۇ، ئىپادىسىنى ئوتتۇراھال دېيىشكە بولىدۇ. نومۇر ئېلىش ئىقتىدارى تىي لاۋسوننىك (شەندوك كوماندىسىنىك ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى چەتئەللىك ماھىرى) ئوتتۇرىچە ھەر بىر مەيداندا 25.5 نومۇر ئېلىشتەك نەتىجىسىگە يەتمەيدۇ، فىرانكىلىننىك ئوتتۇرىچە ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە 31.5 نومۇر ئېلىشتەك نەتىجىسىگە تېخىمۇ يەتمەيدۇ، شىنجاك كوماندىسى ئۈچۈن توپ ئوينىغان مەزگىللەردە گۇدىلوكنىك ئىككى نومۇرلۇق توپىنىك چۈشۈش نىسبىتى ئارانلا %53 بولغان، بىراق لاۋسوننىك ئىككى نومۇرلۇق توپىنىك چۈشۈش نىسبىتى %62 گە يېتىدۇ. ئۇنىكدىن باشقا، گۇدىلوكنىك بۆسۈپ كىرىش سۈرئىتىمۇ دېگەندەك ياخشى ئەمەس بولۇپ، ھۇجۇم جەھەتتە كوماندىغا چوك ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئوتتۇرىچە ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە بەرگەن 3.2 قېتىملىق ياردەمچى پاس سانىمۇ لاۋسوننىك 6.5 قېتىملىق ياردەمچى پاس سانىدىن خېلىلا يىراق تۇرىدۇ.

كوماندىنىك گۇدىلوك بىلەن توختاملىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن شەندۇك كوماندىسىنىك نۇرغۇن مەستانىلىرى كوماندىنىك كېيىنكى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىستىقبالىغا دېگەندەك چوك ئۈمىت باغلىيالمىدى، بولۇپمۇ بىر قىسىم تورداشلار باش تېرىنىر ئالكېساندىر قەيسەرنىك كوماندىدا قېپقالغانلىقىغا پىكىرى بارلىقىنى بىلدۈردى، نېمىلا دېگەن بىلەن قەيسەرنىك تېرىنىرلىق جەھەتتىكى ئىقتىدارى ئادەتتىكىچە بولۇپ، كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا ھەتتا ھۇجۇم تاكتىكىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش تاختىسىنىمۇ ئىشلەتمەيدۇ، توپ مەستانىلىرى باش تېرىنىر قەيسەردىن رازى بولمايلا قالماستىن يەنە ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ئىقتىدارى لاۋسونغا يەتمەيدىغان گۇدىلوكنىك كېلىشىنىمۇ ئانچە قارشى ئېلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1123105096_1531207638403_title0h.jpg
U020180711351653783246.jpg
U020180711356969454554.jpg
U020180711358330043361.jpg
1123100748_1531140921811_title0h.jpg