ئىستېمالچىلار بۇرۇنقىغا قارىغاندا يېڭى iPhoneنى تېخىمۇ بەكرەك تاللاۋاتىدۇ
0
2018-07-12 17:29:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

بۇرۇن iPhoneنىڭ ئەڭ يېڭى يۈرۈشلۈك تىپلىرى چىقىرىلغان ۋاقىتتا، ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىش سۈرئىتى بەكلا ئاستا بولغان. ئەمما بىر يېڭى بازار تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۈگۈنكى كۈندىكى ئىستېمالچىلار ئالمىنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى ئەقلىيفونىنى سېتىۋېلىشقا تېخىمۇ بەكرەك مايىل ئىكەن. M Science گۇرۇپپىسىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى iPhone 8 بىلەن iPhone Xنىڭ مودا بولۇش دەرىجىسىگە ئۇيغۇن. ئەمەلىيەتتە iPhone 8 ئاللىبۇرۇن iPhone Xتىن ئېشىپ، ئالمىنىڭ ئەڭ بازارلىق ئەقلىيفونىغا ئايلاندى.

M Science ھەر ئايدا دۇنيادىكى iPhoneلارنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلايدۇ ھەمدە كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ قوزغىتىلىش سانلىق مەلۇماتىنى توپلايدۇ.

بۇلتۇر iPhone 8 بىلەن iPhone 8 Plus ئەمدىلا بازارغا سېلىنغان ۋاقىتتا سېتىلىشى ئاستا بولغان. بىر قىسىم تەھلىلچىلەر ئىستېمالچىلار iPhone X بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ئاندىن قارار چىقىرىدۇ دەپ پەرەز قىلغان. ئەمما ھازىر M Scienceنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىى 5-ئايدىكى iPhone 7گە سېلىشتۇرغاندا 2018-يىلى 5-ئايدىكى iPhone 8 ۋە iPhone Xنىڭ سېتىلىش مىقدارى %3 ئاشقان.

ئۇنىڭدىن باشقا بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، iPhone SE ياكى iPhone 6s قاتارلىق كونا نۇسخىدىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ سېتىلىش مىقدارى %5 تۆۋەنلىگەن، ئەمما iPhone 6 ئوخشىمايدىكەن. M Scienceنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ 2014-يىلى ئېلان قىلىنغان يانفوننىڭ 5-ئايدىكى دۇنيا مىقياسىدىكى سېتىلىشى %5-%10 ئاشقان.

M Scienceنىڭ يەنە بىر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كىشىلەرنىڭ iPhone ئىشلىتىش ۋاقتى بارغانسېرى ئۇزىراۋېتىپتۇ. M Scienceنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، يانفوننىڭ ئوتتۇرىچە ئىشلىتىش ۋاقتى 727 كۈن بولۇپ، 2014-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان «دەرىجىدىن تاشقىرى دەۋر» مەزگىلىدىكى 667 كۈندىن يۇقىرى بولغان. iPhone نورمال خىزمەت قىلغان بولغاچقا، كۆپلىگەن كىشىلەر تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىشى مۇمكىن ئىكەن.

1123105096_1531207638403_title0h.jpg
U020180711351653783246.jpg
U020180711356969454554.jpg
U020180711358330043361.jpg
1123100748_1531140921811_title0h.jpg