شياۋمى Max 3 يانفونى 19-ئىيۇل رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ
0
2018-07-12 17:35:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

12-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00دا شياۋمى رەسمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ شياۋمى Max 3 يانفونىنى 19-ئىيۇل سائەت 19:30 دا ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، تەشۋىقات سۈرىتىگە «tai» خېتى بېسىلغان بولۇپ، بۇ شياۋمى Max 3نىڭ چوڭ ئېكران چوڭ باتارېيەلىك يانفون ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.

دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ئېكران ۋە چوڭ سىغىملىق باتارېيە سەپلەنگەن شياۋمى Max يۈرۈشلۈكى نۇرغۇنلىغان سادىق ئابۇنت توپىغا ئىگە، شۇنداقلا بەلگىلىك دەرىجىدە ئاندىرويىد تاختا كومپيۇتېرىنىڭ ئورنىنى باسقان. شياۋمى Max 2 يانفونى بۇلتۇر 5-ئايدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كىيىن شياۋمى Max 3 ئاخىرى يېتىپ كەلدى.

بۇندىن بۇرۇن M1804E4T تىپلىق يېڭى شياۋمى يانفونى تورغا كىرىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا بۇ يانفون دەل شياۋمى Max 3.

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى يانفوننىڭ ئۈچ ئايلانمىسى 176.15*87.4*7.99 مىللىمېتىر، ئېغىرلىقى 221 گىرام بولۇپ، 2160×1080 ئېنىقلىقىدىكى 6.9 دىيۇملۇق ئېكران (شياۋمى يانفونىنىڭ ئېكرانى 6.44 دىيۇملۇق)، 5400mAhلىك باتارېيە سەپلەنگەن. ئارقا قېپى مېتال بولۇپ، تىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان قوش كامېرا ۋە بارماق ئىز سېنزورى باركەن.

يادرولۇق سەپلىمىسىگە كەلسەك، بۇ يانفونغا چاستوتىسى 1.8GHz بولغان سەككىز يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ (سناپدراگون 636 بولۇشى مۇمكىن) 3GB/4GB/6GB ئۈچ خىل ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 32GB/64GB/128GB ئۈچ خىل ساقلاش بوشلۇقى ئىشلىتىلگەن، ئەڭ چوڭ بولغاندا 128GB ساقلىغۇچ كارتا چۈشىدۇ، ئالدى كامېرا ئېنىقلىقى سەككىز مىليون پىكسېللىق، ئارقىسىغا 12 مىليون پىكسېللىق قوش كامېرا ئورنىتىلغان.

شياۋمى Max 2 يانفونى 5300mAhلىك باتارېيەسىگە تايىنىپ توكى 31 كۈن ساقلىنىشتەك يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان، بۈگۈنكى كۈندە شياۋمى Max 3 يانفونىنىڭ باتارېيەسى تېخىمۇ چوڭايتىلغان، بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىقتىدارى ئاشۇرۇلغان بولغاچقا، ئۇدا ئىشلىتىشچانلىقى تېخىمۇ ياخشىلانغانلىقى ئېنىق. شۇڭا چوڭ ئېكران ۋە چوڭ باتارېيە ئىشلىتىلگەن يانفونغا ئامراق دوستلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، شياۋمى Max 3نىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى يەنىلا يۇقىرى.

1123105096_1531207638403_title0h.jpg
U020180711351653783246.jpg
U020180711356969454554.jpg
U020180711358330043361.jpg
1123100748_1531140921811_title0h.jpg