تىمساھ بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈش سۈرىتى چۈشۈشكە پېتىنالامسىز؟
0
2018-08-09 14:49:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ئەنگىلىيە «ئەينەك گېزىتى» نىڭ 7-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىدىكى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ قىز ئوقۇغۇچىسى تەن ئۇزۇنلۇقى 13 ئىنگىلىز چىسى (تەخمىنەن تۆت مېتىر) كېلىدىغان زور تىمساھ بىلەن يېقىن ئارىلىقتا سۈرەتكە چۈشۈپ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، 21 ياشلىق بۇ قىزنىڭ ئىسمى ماكېنىز نولاند بولۇپ، بۇ يىل 5-ئايدىن باشلاپ تېكساس ئىشتاتىنىڭ بامونىت شەھىرىدىكى قىسقا كالپۇكلۇق تىمساھ قۇتقۇزۇش مەركىزىدە پىراكتىكا قىلغان. پىراكتىكا قىلغان تۇنجى كۈنىدىن باشلاپ ئۇ «داتكىس» ئىسىملىك بۇ تىمساھ بىلەن بىرگە خىزمەت قىلغان. قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئارلىي ھامموندىس ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈش سۈرىتىنى تارتىپ قويغان ۋە سۈرەتنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا يوللىغان.

بۇ سۈرەتتە نولاند ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۈرە لېنتىسىنى ئارتىپ، بېشىغا دوكتۇرلۇق قالپىقى كىيىۋالغان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئۈزۈكىنى داتكىس ئىسىملىك بۇ تىمساھنىڭ بۇرنى ئۈستىگە قويۇپ قويغان. مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئودا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ تىمساھ بىلەن ئارىلىقى پەقەت ئىككى ئىنگىلىز چىسى (تەخمىنەن 0.6 مېتىر) كېلىدىغان ئورۇندا تۇرغان، تېخى تىمساھنىڭ بۇرنىنى يېنىك سىيلاپ، ئۇنىڭغا گۆش بەرگەن. نولاند بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «قوغداش رايونىدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە داتكىس ئەزەلدىن مېنى يارىلاندۇرۇپ باقمىدى، مەن ھەر قېتىم ئۇنى يېقىملىق ئاۋازدا چاقىرىمەن، بۇرنىنى قاشلاپ قويىمەن ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىمغا ئىشەندۈرىمەن، بۇ ئوماق تىمساھ راستتىنلا ماڭا ھۇجۇم قىلىپ باقمىدى».

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، نولاند 10-ئاۋغۇست تېكساس ئىشتاتلىق يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىنى رەسمىي پۈتتۈرۈپ، ياۋايى ھايۋانلار ۋە بېلىقچىلىق ئىلمى بويىچە ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشىدىكەن. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ داللاس ياكى فورتۋورستىكى بىرەر ھايۋاناتلار باغچىسىدا ئىشلەشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

U020180808360731080604.jpg
U020180808358972124415.jpg
U020180803391945811101.jpg