دۇنيادىكى پۇراپ سالغانغا پۇشايمان قىلدۇرۇۋېتىدىغان ئەڭ سېسىق نەرسىلەر
0
2018-08-09 15:49:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

 بۇ تېمىنى كۆرگەندىن كېيىن خىيالىڭىزغا پالاق تۇخۇم، قۇسۇق، جەسەت دېگەنگە ئوخشاش نەرسىلەر كەلدىمۇ؟ شۇنداق، تۇرمۇشىمىزدا مۇشۇنداق سېسىقلىقىدىن پۇراشمۇ مۇمكىن بولمايدىغان نەرسىلەر ناھايىتى كۆپ، ئۇنداقتا دۇنيادىكى ئەڭ سېسىق نەرسە نېمە؟

ئۇران

ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇران پىلانېتىدا ھەممە جاي خۇددى پالاق تۇخۇمدەك سېسىق پۇرايدىكەن. بىر ئاستىرونومىيە تەتقىقات ئەترىتى يېقىندا ئۇران پىلانېتىدىكى گىدرو سۇلفىدنىڭ بۇ ئۆزگىچە سېسىق پۇراقنى تارقىتىدىغانلىقىنى بايقىغان، بۇ خىل گاز ئۇراننىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمىدا زور مىقداردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن.

دۇريان مېۋىسى

سېسىقلىقى بىلەن نام چىقارغان بۇ مېۋە ئەمەلىيەتتىمۇ ناھايىتى سېسىق، يېقىندا ھەتتا ئاۋستىرالىيەنىڭ مېلىبۇرن شەھىرىدىكى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى زور كۆلەمدە چېكىندۈرۈلگەن، چۈنكى ئوقۇغۇچىلار پۈتۈن مەكتەپكە تارالغان سېسىق پۇراقنى پۇرىغاندىن كېيىن يېقىلغۇ گازى چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ، دەپ ناھايىتى قورقۇپ كەتكەن. نەتىجىدە بۇ سېسىق پۇراقنىڭ سېسىپ قالغان بىر دۇريان مېۋىسىدىن تارقالغانلىقى بايقالغان، سېسىق دۇريان مېۋىسىنىڭ پۇرىقى مەكتەپنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچ سېستىمىسى ئارقىلىق پۈتۈن مەكتەپكە تارقىلىپ كەتكەن.

بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۇرياننىڭ بۇ خىل ئۆزگىچە سېسىق پۇرىقى 44 خىل ھەر خىل پۇراقلىق ئاكتىپلاشقان بىرىكمە ماددىدىن كېلىدىغان بولۇپ، بۇ بىرىكمە ماددىمۇ خۇددى پالاق تۇخۇمدەك پۇرايدىكەن.

ئارنولد چوڭ گۈلى

ئارنولد چوڭ گۈلى يەنە سېسىق جەسەت گۈلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ گۈل خۇددى چىرىپ كەتكەن جەسەتتەك سېسىق پۇرايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بېلىقنىڭ سېسىق پۇرىقى ۋە سېسىق پايپاق پۇرىقىدەكمۇ پۇرايدۇ. بۇ ھىندونېزىيەنىڭ دۆلەت گۈلى بولۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە بۇ خىل گۈلنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئېچىلىدىغان گۈل بولۇپ، دىئامېتىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ دۇنيادىكى ئەڭ سېسىق پۇرايدىغان گۈللەرنىڭ بىرى بولۇپ، سېسىقلىقتا نامى چىققان تىتان جىنياڭيۇسى گۈلى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدۇ. تىتان جىنياڭيۇسى گۈلى ئون يىل ئەتراپىدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ، بىراق سېسىق جەسەت گۈلى نەچچە ئايدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ، گۈلى تۆت-بەش كۈندىلا توزۇپ كېتىدۇ.

ئۇنداقتا بۇ خىل گۈللەر نېمىشقا باشقا گۈللەردەك خۇشپۇراق بولماستىن سېسىق پۇراق تارقىتىدۇ؟ چۈنكى بۇ خىل گۈللەر سېسىق گۆش چىۋىنىنى جەلىپ قىلىش ئارقىلىق گۈل چېڭىنى تارقىتىدۇ، بۇ بارلىق سېسىق پۇرايدىغان گۈللەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش يولى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ خىل غەلىتە گۈل ھازىر يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بولۇپ، ھازىر قوغدىلىدىغان تۈرلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

لابرونېي پىشلىقى

لابرونېي پىشلىقى دۇنيا بويىچە ئەڭ سېسىق پىشلاق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بىر ئالىم ئىلگىرى ھەتتا ئېلىكتىرونلۇق بۇرۇنغا بۇ خىل پىشلاقنى پۇرىتىپ باققان، نەتىجىدە سۈيدۈك يولىدىكى يۇقۇملىنىش ۋە ئۆپكە تۇبېركۇلىيۇز كېسىلىنى تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىلىدىغان بۇ خىل ئەسۋابتا كۆرۈلگەن تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت بولۇپ چىققان. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر بۇ پىشلاقنىڭ پۇرىقىنى كالىنىڭ ئوسۇرىقى بىلەن بىر ئورۇنغا قويغان.

قەدىمقى زاماندىكى گەندە

بۇنىسى ناھايىتى ئېنىق، قەدىمقى زاماندىن ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن گەندىلەرنىڭ سېسىق پۇرىقى ئارىدىن 70 مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتسىمۇ يەنىلا يوقالمىغان. ئارخېئولوگلار ئىلگىرى دانىيەنىڭ ئوردېنىسگ شەھىرىدىن قەدىمكى دەۋردىكى بىر گەندە كۆلچىكىنىڭ خارابىسىنى بايقىغان. 14-ئەسىردىكى تەرەت قاچىلىرى ياغاچتىن ياسالغان بولۇپ، بۇ تەرەت قاچىلىرى ھازىرغىچە سېسىق پۇراق تارقىتىپ تۇرغان، دېمەك گەندىنىڭ سېسىق پۇرىقى نەچچە مىڭ يىللارغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن.

كىچىك چۈمۈلىخور

سىز ھەرگىزمۇ بۇ ھايۋاننىڭ ئوماق چىرايىغا ئالدىنىپ قالماڭ، ئۇنىڭغا بەكرەك يېقىنلاشسىڭىز چوقۇم پۇشايمان قىلىسىز، كىچىك چۈمۈلىخور ھەتتا «سېسىق نامى پۇر كەتكەن» سېسىق كۈزەندىنمۇ بەش ھەسسىدىن يەتتە ھەسسىگىچە سېسىق پۇرايدۇ، كىچىك چۈمۈلىخور بۇ سېسىق پۇرىقى ئارقىلىق چاقىرىلمىغان مېھمانلارنى ۋە ئۆزىنى ئوۋلىغۇچىلارنى قاچۇرىۋېتىدۇ.

U020180808360731080604.jpg
U020180808358972124415.jpg
U020180803391945811101.jpg