NASAنىڭ «قۇياش بىلەن ئۇچرىشىش»تەك تارىخىي بۇرچى 12-ئاۋغۇست باشلىنىدۇ
0
2018-08-09 16:07:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

چەتئەل تاراتقۇسى BGRنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى (NASA)نىڭ پاركېر ناملىق قۇياش دېتېكتورى نەچچە كۈندىن كېيىن تارىخىي بۇرچنى زېممىسىگە يۈكلەپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلىدىكەن. ئالىملار بۇ دېتېكتور ئارقىلىق بۇ تۇرغۇن يۇلتۇزنى تېخىمۇ ئىچكىرىكەپ چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلماقتا. قويۇپ بېرىش سۇپىسى ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 12-ئاۋغۇست سەھەر سائەت 3:33تە ئېچىلىدۇ. قويۇپ بېرىش فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ كاناۋېرال تۇمشۇقىدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ 37-نومۇرلۇق ئالەم قاتناش قويۇپ بېرىش سۇپىسىدا تاماملىنىدۇ، NASA شۇ ۋاقىتتا نەق مەيداندىن بىۋاستە كۆرسىتىدۇ.

بۇ پىلانغا ئاساسەن، پاركېر دېتېكتورى قۇياش يۈزىگە تەخمىنەن ئۈچ مىليون 900 مىڭ ئىنلگلىز مىل (تەخمىنەن ئالتە مىليون 300 مىڭ كىلومېتىر) كېلىدىغان ئورۇنغا يېتىپ بارىدۇ. بۇنداق يېقىن ئارىلىقتا قۇياش ئىسسىقلىقى پولاتنى ئېرىتىۋېتەلەيدۇ. NASA بۇ مەسىلىنى ئۇزۇندىن بۇيان ئويلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم پاركېر دېتېكتورىغا قېلىن كاربون بىرىكمە قوغداش قېپى سەپلىدى. كىچىك سېنزور كۆزىتىش كامېراسىنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا يۆنىلىشتە تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، چۈنكى ئەگەر يورۇقلۇق بۇ ئالەم ئۇچقۇسىغا چۈشسە، ئۇ تېز سۈرئەتتە پۈتكۈل ۋەزىپىنى توختىتىپ، قۇياشقا قارىتىلغان يەتتە يىللىق تەتقىقاتنى باشلايدۇ.

قۇياشنى تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى قويۇپ بېرىش ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغاچقا، NASA بۇرۇن بېكىتكەن قويۇپ بېرىش سۇپىسىنى ئېچىش پىلانى 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 8-ئاينىڭ ئاخىرىغا سۈرۈلگەن. ھاۋا كىلىماتى بۇ قېتىملىق قويۇپ بېرىشتىكى ئالدىنقى شەرت بولسا كېرەك. بۇ ئالاھىدە قويۇپ بېرىش سىنىقى 65 مىنۇتلۇق ئېچىش ۋاقتىدا بولىدۇ، ئەگەر تاسادىپىيلىق كۆرۈلسە، NASA ۋاقىتنى يەنە ئارقىغا سۈرىدۇ.

U020180808360731080604.jpg
U020180808358972124415.jpg
U020180803391945811101.jpg