بۇ تۆت جۈملىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بالىنىڭ ھېسسىيات بۆلۈنمىسى يۇقىرى بولىدۇ
0
2018-08-09 16:14:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ئەگەر سىزنىڭ بالىڭىز دائىم بۇ تۆت جۈملە سۆزنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بولسا، ئۇنداقتا مۇبارەك بولسۇن، بالىڭىزنىڭ ھېسسىيات بۆلۈنمىسى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.

1. مۇۋاپىق ھالدا ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان بولسا.

مەسىلىنى بىرتەرەپ قىلىدىغان چاغدا، ھېسسىيات بۆلۈنمىسى يۇقىرى كېلىدىغانلار دائىملا مەجبۇرلاش ۋاستىسىنى قوللانماستىن، ئەكسىچە سىپايىلىىك بىلەن ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، بۇنداق بولغاندا، بۇ پىكىر ئاسانلا قوبۇل قىلىنىدۇ، يەنە كېلىپ قوپال بىلىنمەيدۇ. ئەگەر سىزنىڭ بالىڭىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئوچۇق-يورۇقلۇق بىلەن ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان بولسا، ئۇنى تەقدىرلىسىڭىز شۇنداقلا ئۇنىڭ پىكرىنى ئورۇنلاپ كۆرۈشنى ئويلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ، شۇندىلا ئۆز-ئارا ھۆرمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر.

2. دائىم ماختاش سۆزلىرنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بولسا.

ئەگەر سىز دائىم بالىڭىزنىڭ باشقا كىچىك دوستلارنى «ئەدەبلىك»، «ئوماق»، «چىرايلىق» قاتارلىق سۆزلەر بىلەن ماختىغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرسىڭىز، ئۇنداقتا خوشال بولىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ. چۈنكى بالىڭىز ئادەم ۋە شەيئىلەرنىڭ گۈزەل ۋە ياخشى تەرىپىنى تونۇپ يېتىشنى بىلىدىكەن، بۇ ئۇنىڭ ھېسسىيات بۆلۈنمىسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

3. «كېرەك يوق، مەن قىلالايمەن.»

ھېسسىيات بۆلۈنمىسى يۇقىرى كەلگەن بالىلار باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىشنى بىلىدۇ، شۇنداقلا قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمۇ بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ.

4. رەھمەت ئېيتىشنى بىلىدىغان بالىلار.

دائىم «رەھمەت» دەيدىغان بالىلاردا مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بولىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ھېسسىيات بۆلۈنمىسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. يەنە كېلىپ، بۇنداق بالىلار باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خوشاللىق دەپ بىلىدۇ، باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى، ئىجتىمائىي ئالاقىسىمۇ باشقا بالىلاردىن كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

ئۇنداقتا بالىڭىزنىڭ يەنە قانداق يېقىملىق تەرەپلىرى بار؟

ئاتا-ئانا بولۇش تۇغما قابىلىيەت ئەمەس، مائارىپمۇ مەڭگۈ ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان پەندۇر.

U020180808360731080604.jpg
U020180808358972124415.jpg
U020180803391945811101.jpg