گېرىتسىيە سېمىز ساياھەتچىلەرنىڭ ئېشەككە مىنىشىنى چەكلىدى
0
2018-10-11 18:17:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 10-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا گېرىتسىيە سانتورىنى ئارىلىدىكى ئېشەكلەر يەنە باش خەۋەرگە چىققان. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت بۇ ئېشەكلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە ئۇلارنىڭ يۈكىنىڭ بەك ئېغىر بولۇپ كېتىشى سەۋەبىدىن ئېغىر زەخمىلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سېمىز ساياھەتچىلەرنىڭ ئېشەككە مىنىشىنى چەكلىگەن.

سانتورىنى ئارىلىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسىدە بەدەن ئېغىرلىقى 100 كىلوگرامدىن يېنىك ياكى بەدەن ئېغىرلىقى ئېشەكنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ بەشتىن بىرىدىن ئېشىپ كەتمىگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئېشەككە مىنسە بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

سانتورىنى ئارىلىنىڭ كۆپ قىسم يەر شەكلى ئېدىرلىق بولۇپ، ئاپتوموبىللار ماڭالمايدۇ، شۇڭا ئېشەكلەر شۇ جايدا كەم بولسا بولمايدىغان قاتناش قورالىغا ئايلانغان.

بىراق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئېشەكلەر يۈك توشۇپلا قالماستىن يەنە ساياھەتچىلەرنى مىندۈرىدىغان بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن سېمىزلەر ئىكەن.

ئېشەكلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتى ئۇزۇن، خىزمەت سىجىللىقى ئېغىر بولۇپ، ئىچكۈدەك يېتەرلىك سۈيى يوق بولغاننىڭ ئۈستىگە پىڙغىرىم ئاپتاپنىڭ كۆيدۈرۈشىگە چىدىمىسا بولمايدىكەن، بۇ نۇرغۇن ئېشەكلەرنىڭ ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئېشەككە ماس كەلمەيدىغان ئات قامچىسىمۇ ئېشەكلەرنىڭ دۈمبىسىنى زەخمىلەندۈرۈپ، تېرىسىنى چۈشۈرىۋەتكەن.

يېقىندا شۇ جايلىق ھۆكۈمەت تارقاتقان ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئېشەكنىڭ ئىگىسى چوقۇم ئېشەكلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتىدا يېتەرلىك دەم ئېلىش ۋاقتى ۋە ئىچىملىك سۈيى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا ئېشەكنىڭ ئىگىسى چوقۇم ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى تەييارلاپ، ھەر ۋاقىت يارىلانغان ئېشەكلەرنى داۋالىشى كېرەك، ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا قېرى، ئاجىز، كېسەلچان، مېيىپ ئېشەكلەرنى يۈك ياكى ساياھەتچىلەرنى توشۇشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.»

شۇ جايدىكى ھايۋاناتلارنى قوغداش تەشكىلاتى ئىلگىرى بۇ ئېشەكلەرنى قوغداشنى مۇراجىئەت قىلغان، ئۇلار تېخى «سانتورىنى ئارىلىدىكى خورلىنىۋاتقان ۋە قاتناش قورالىغا ئايلىنىپ قالغان ئېشەكلەرگە ياردەم بېرىش ھەرىكىتى» قوزغىغان.

سانتورىنى ئارىلىدا ئېشەكلەرنىڭ خورلىنىش مەسىلىسى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق يېقىندىن بۇيان ھەر قايسى چوڭ تاراتقۇلار بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلغانلىقى ۋە بۇ توغرىسىدا خەۋەر بەرگەندىن كېيىنلا بۇ ئېشەكلەرگە ياردەم بېرىش ھەرىكىتى بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.

بىراق بەزىلەر بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «گەرچە ھازىر بەك سېمىز ساياھەتچىلەرنىڭ ئېشەككە مىنىشى چەكلەنگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ بىچارە ئېشەكلەر يەنىلا قاتناش قورالى بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ، ئۇلار يەنىلا سېمونىت، ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ۋە باشقا يۈكلەرنى توشۇشقا سېلىنىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى قۇللۇق ھالىتىدىن پۈتۈنلەي قۇتقۇزۇشقا يەنە بەلگىلىك ۋاقىت كېتىدۇ»

تورداشلار سانتورىنى ئارىلىنىڭ بۇ يېڭى بەلگىلىمىسىنى كۆرگەندىن كېيىن بۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ھەتتا زاڭلىق قىلىپ: «ئېشەكلەرنى قىينىغان ئاشۇ سېمىز ساياھەتچىلەرنى كۆپرەك پىيادە ماڭدۇرۇش كېرەك» دېيىشكەن.

1.jpg
111.jpg
00350510100_i1000420000277be_1a68d0c6.jpg
U020181009380840388701.jpg
U020181009381637806708.jpg