تۇرمۇشىمىز بىرئاز مۇراسىم تۇيغۇسىغا موھتاج
0
2018-10-11 18:30:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

مەن پىراكتىكانت بولۇپ ئىشلەۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا بەزى خىزمەتداشلىرىم ئۈندىدار توپىدا ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىنكى پىلانلىرى توغرىسىدا پاراڭلىشاتتى، ھەممەيلەن ئۆزىگە چۇشلۇق ئوي-خىياللىرى بار ئىدى.

بىر خىزمەتدىشىم خىزمىتى مۇقىملاشقاندا ئۆزىگە ئىزچىل سېتىۋېلىشقا كۆزى قىيماي كەلگەن راۋرۇس، داڭلىق ماركىلىق بىر يۈرۈش گىرىم بۇيۇم سېتىۋالىدىغانلىقىنى، ھېسابتا ئۆزىنىڭ تىرىشىپ ئىشلىگىنىگە ئۆزى مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى دېدى، يەنە بىر خىزمەتدىشىم داڭلىق ماركىلىق ئاياق ۋە توكسىكلىت سېتىۋالىدىغانلىقىنى دېدى. يەنە بىرسى بولسا داڭلىق بىر ئاشپۇزۇلغا بېرىپ ياپونچە تاماق يەپ كېلىدىغانلىقىنى، ئۈچ ئايدىن بېرى تۇتۇپ ئۆزىنى چەكلەپ كېلىۋاتقان چەكلىمىلىرىنى بىر قېتىم بولسىمۇ بۇزىۋېتىدىغانلىقىنى بەس-بەس دېيىشىپ كەتتى.

ھەممىمىز توپتا چوقۇم بىر يىغىلىپ ئولتۇرايلى دېيىشتۇق ھەم ئۇ كۆڭۈللۈك كەلگۈسىگە ئىنتىزار بولدۇق.

ئەمەلىيەتتە بىز ئۇ كۈننى كۈتمەيمۇ بىر يۈرۈش ئېسىل گىرىم بۇيۇمى، داڭلىق ماركىلىق ئاياق، توكسىكلىت سېتىۋالساق، ھەپتە ئاخىرى يىغىلىشىپ ئولتۇرساق بولىۋېرىدۇ، لېكىن بىزنىڭ ئۇ ئىشلارنى خىزمىتىمىز مۇقىملاشقاندىن كېيىنگە ئېلىپ قويىشىمىز ئېقىن سۇدەك تىنچ ئۆتىۋاتقان تۇرمۇشىمىزنى ئازراق بولسىمۇ مۇراسىم تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش، تۇرمۇشىمىزغا ئىنتىزارلىق ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلىش ۋە ئۇ كۈننى باشقا كۈنلەردىن پەرقلىقراق قىلىش ئۈچۈن ئىدى.

مۇراسىم تۇيغۇسى دېگەن نېمە؟

بۇ گەپ تىلغا ئېلىنسا ئېسىمگە «كىچىك شاھزادە» دېگەن كىتابتىكى كىچىك شاھزادە بىلەن تۈلكىنىڭ دىئالوگى كېلىدۇ.

كىچىك شاھزادە تۈلكىنى كۆندۈرىۋاتقان ئىككىنچى كۈنىسى تۈلكە كىچىك شاھزادىگە مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئەڭ ياخشىسى ھەر كۈنى ئوخشاش ۋاقىتتا كەلگىن، مەسىلەن، سەن چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە كەلسەڭ مەن سائەت ئۈچ يېرىمدىن باشلاپلا بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلۈشكە باشلايمەن، ۋاقىت قانچە ئاز قالغانچە مەن ئۆزۈمنى شۇنچە بەختلىك ھېس قىلىمەن، سائەت تۆت بولغاندا مەن ئورنۇمدا ئولتۇرالماي قالىمەن، ئەگەر سەن ھەر كۈنى خالىغان بىر ۋاقىتتا كەلسەڭ مەن قاچاندىن باشلاپ كەيپىياتىمنى تەييار قىلىپ تۇرۇشنى بىلەلمەي قالىمەن، بۇ يەردە چوقۇم بىر مۇراسىم بولىشى كېرەك.»

كىچىك شاھزادە سورايدۇ: «مۇراسىم دېگەن نېمە؟»

«مۇراسىم دېگىنىمىز-دائىم ئۇنتۇلۇپ قالىدىغان ئىش، ئۇ مەلۇم بىر كۈننىڭ باشقا كۈنلەرگە ئوخشىماسلىقى، مەلۇم بىر ۋاقىتنىڭ باشقا ۋاقىتلارغا ئوخشىماسلىقى» دەيدۇ تۈلكە.

مۇراسىم تۇيغۇسى ئەمەلىيەتتە ئالاھىدە بىر مۇرەككەپ ئىش ئەمەس، ئۇ ئىنتايىن ئاددىي ۋە تەبئىي، ئەمما كىشىنىڭ يۈرىكىنى لال قىلالايدۇ، تىپتىنىچ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۈنلىرىمىزگە ھۆسىن قوشالايدۇ، شۇنداقلا بىزگە خۇشاللىق ھەم قانائەت تۇيغۇسى ئاتا قىلالايدۇ.

مەن بىر جۈپ ئەر-ئايالنى تونۇيمەن، ئۇ ئىككىسى بىر-بىرسىنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدۇ، گەرچە ئۇلار توي قىلغىلى 10 يىل بولغان بولسىمۇ خۇددى يېڭى توي قىلغان بىر جۈپلەردەك كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ.

يولدىشى ئادەتتىكى كۈنلەردىمۇ كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى بىلىدۇ، كۆكتات بازىرىغا بېرىپ يېڭى ھەم چىرايلىق كۆكتاتلارنى كۆرسىمۇ سېتىۋېلىپ ئايالىغا سوۋغا قىلىدۇ، ئايالىمۇ ئىنتايىن كۆيۈمچان، يولدىشى ھېرىپ-چارچاپ ئىشتىن كەلگەندە ئىسسىققىنە بىر پىيالە چاي دەملەپ بېرىدۇ، پات-پات ئۇ ئەڭ ئامراق قۇرۇمىلارنى قورۇپ بېرىدۇ، ھەپتە ئاخىرىدا ئۇلار ھەر دائىم يېقىن ئەتراپتىكى باغچىلارغا بېرىپ سەيلە قىلىدۇ…

تېخى مۇشۇ يېقىندا ئۇ ئىككەيلەن يېقىن-يورۇقلىرىنى چاقىرىپ توي قىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىق خاتىرە كۈنىنى ئۆتكۈزدى، ھەممەيلەننىڭ تەبرىكلىرى ئاستىدا ئىككەيلەن بىر-بىرسىگە سوۋغا بېرىشتى. شۇنچە جىق ئادەمنىڭ ئالدىدا بۇنداق قىلىشنى نومۇسلۇق ئىش دەپ قارىمىدى. مۇراسىم تۇيغۇسىنى ئەگەر تۇرمۇشقا سىڭدۈرىۋېتەلىسەك ھەر كۈن شۇنچە ئىللىق ۋە گۈزەل ئۆتكەن بولاتتى.

بۇرۇن مەن مۇراسىم تۇيغۇسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتىم، بۇنداق ئىشلارغىمۇ ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيتتىم، شۇڭا تۇرمۇشۇم ئادەتتىكىچە، تەمسىز ھەم مەنىسىز، خۇددى ھەركۈنۈم ئوپمۇ-ئوخشاشتەكلا ئۆتەتتى.

خىزمەتكە چىقىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن مۇراسىم تۇيغۇسىنى بارا-بارا چۈشىنىپ يەتتىم، مەن شۇنى ئىقرار قىلماي تۇرالمايمەن، بۇرۇن مەن كۆزگە ئىلىپ كەتمىگەن مۇراسىم تۇيغۇسى مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا تەم ۋە مەنا قاتتى، تۇرمۇشۇم كۈندىن-كۈنگە خۇشاللىق ۋەم بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدى.

بۇرۇن ئىشىكتىن چىقىشتىن بۇرۇنمۇ خالىغانچە چىقىپ كېتىۋېرەتتىم، ھازىر بولسا يۈرۈش-تۇرۇشۇمغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان بولدۇم، بىراق بۇ ياسانچۇقلۇق بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئەمەلىيەتتە يۈرۈش-تۇرۇشىغا دىققەت قىلىشنىمۇ يەنە بىر خىل مۇراسىم تۇيغۇسى دېيىشكە بولىدۇ، ھەر كۈنى ئۆزىمىز ياقتۇرىدىغان شەكىلدە چىرايلىق كىيىنىپ يۈرسەك كەيپىياتىمىزمۇ ياخشى بولىدۇ ئەلۋەتتە.

مانا بۈگۈنكى كۈندە مېنىڭ تۇرمۇشۇم مۇراسىم تۇيغۇسىدىن ئايرىلالمايدۇ، مۇراسىم تۇيغۇسى مېنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقىمنى ئاشۇردى، گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان تەلپۈنىشىمنى كۈچەيتتى، بۇ ئۇزۇن ھاياتتا چوقۇم ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىشىمىزگە ئەرزىگۈدەك بىر ئىش بولىشى كېرەك-ئەلۋەتتە.

ئەمەلىيەتتە بىز تۇرمۇشقا بۇرۇنقىدىن ئازراق كۆپ دىققىتىمىزنى بەرسەك، ھېچقانداق يېڭىلىقى قالمىغان كۈنلىرىمىزگە ئازراق ھۆسىن قوشساق، ھەر كۈننى باشقا كۈنلەرگە ئوخشىمايدىغان قىلىپ ئۆتكۈزۈشكە تىرىشساقلا ئېرىشىدىغانلىرىمىز تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ، تۇرمۇشىمىزنىڭ سۈپىتىمۇ بىز بىلىپ- بىلمەيلا يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ.

1.jpg
U020181031369820321634.jpg
U020181031371653937910.jpg