خۇاۋېي ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشتا مىكروسوفت بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى ئىنكار قىلدى
0
2018-10-11 18:51:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ئونىنچى ئۆكتەبىر خۇاۋېينىڭ نۆۋەتچى رەئىسى شۈ جىجۈن 2018-يىللىق خۇاۋېي بىرلەشمە يىغىنىدا «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەرگەن چاغدا خۇاۋېينىڭ مىكروسوفت بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى ئىنكار قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى تاراتقۇلار مىكروسوفتنىڭ جۇڭگودىكى سانلىق مەلۇمات مەركىزىدە خۇاۋېي يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ چىققان AI ئۆزىكىنى ئىشلىتىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تارقالغان. شۈ جىجۈن مىكروسوفت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ئەمما مىكروسوفتنىڭ جۇڭگودىكى سانلىق مەلۇمات مەركىزىدە خۇاۋېينىڭ يېڭى تەتقىق قىلغان سۈنئىي ئىدراك ئۆزىكىنى ئىشلەتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

جۇڭگونىڭ خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى خۇاۋېي يەنە ھىندىستاندىكى كەسپىي كىرىمىنىڭ نۆۋەتتە كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتقانلىقىنى، ئەمما ھىندىستانغا مەبلەغ سېلىشنى داۋاملىق كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خۇاۋېينىڭ ھىندىستاندىكى تارماق شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى چېن جىېنىڭ دېيىشىچە، خۇاۋېي ھىندىستانغا داۋاملىق مەبلەغ سالىدىكەن. ھىندىستاندىكى خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان سانلىق مەلۇمات ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پايدا ئالغىلى بولماسلىق ئۇزۇندىن بۇيان ھەل بولماي كېلىۋاتقان مەسىلە، ئۇ ھىندىستان بازىرىدىكى ئاشكارا قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ھىندىستان خەۋەرلىشىش كەسپى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ئوخشاشلا يەنە بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بۇ دەل مەبلەغ سالىدىغان پەيتتۇر، ئۇ ھەرگىزمۇ قىسقا مۇددەتلىك پايدىنى كۆزلەيدىغان پەيت ئەمەس».

بۇ يىل بىرىنچى ئايدىن توققۇزىنچى ئايغىچە مەزكۇر شىركەتنىڭ خەۋەرلىشىش كەسپىي جەھەتتىكى كىرىمى ئوخشاش مەزگىلىدىن %20 ئاشتى، تېخىمۇ يۇقىرى بولغان بىرىنچى دەرىجىلىك خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئۆسۈشگە ئېرىشتى. بۇ توققۇز ئاي جەريانىدا كارخانا بۆلۈمىنىڭ كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىن %60 ئاشتى.

چېن جيې يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بىر نەچچە يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق خۇاۋېي ئاخىرى ھىندىستانغا ماس كېلىدىغان كەسپىي تەرەققىيات يولىنى تاپتى. خۇاۋېي ئۆزىگە خاس ئالاھىدە قىممەت قارىشى ئارقىلىق بازار رىقابىتىگە قاتناشتى». نۆۋەتتە خۇاۋېينىڭ ھىندىستاندىكى كەسپى پەقەت ئىمپورت قىلىش شەكلىدە ئەمەلگە ئاشماقتا.

1.jpg
111.jpg
00350510100_i1000420000277be_1a68d0c6.jpg
U020181009380840388701.jpg
U020181009381637806708.jpg