سائەتلىك سۈرئىتى 250 كىلومېتىرلىق تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك قارا بوران «مايكول» قۇرۇقلۇققا چىقتى
0
2018-10-11 18:54:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

چەت ئەل تورىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى قاتارلىقلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۆتىنچى دەرىجىلىك قارا بوران «مايكول» شۇ جاي ۋاقتى 10-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى رايونلاردىن قۇرۇقلۇققا چىققان بولۇپ، شامال سۈرئىتى سائىتىگە 155 مىل (تەخمىنەن 250 كىلومېتىر) بولغان. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى (CNN)نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شامال كۈچى جەھەتتە، بۇ فىلورىدا ئىشتاتىغا ھۇجۇم قىلغان خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك قارا بوران ئىكەن.

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى (CNN)نىڭ خەۋىرىدە، بۇ قارا بوران فىلورىدا ئىشتاتىغا قاتتىق ھۇجۇم قىلىپلا قالماي، يەنە ئالاباما ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىي ۋە جورجىيە ئىشتاتىمۇ بۇ قارا بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى، بەلكىم يەنە قارا يامغۇر، كەلكۈن ئاپىتى ۋە كۈچلۈك بوراننىڭ خەتىرىگە يۇلۇقۇشى مۇمكىن، دېيىلگەن.

ئامېرىكا دۆلەت قارا بوران تەتقىقات مەركىزى «مايكول»دىن ئالدىن سىگنال بەرگەندىن بۇيان، فىلورىدا ئىشتاتىدا 370 مىڭ ئاممىنىڭ تېزدىن تارقاقلىشىشى، ھېچ بولمىغاندا يەر شەكلى تېخىمۇ ئېگىز جايغا كۆچۈپ چىقىشى تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمەلىيەتتە چېكىنگەنلەرنىڭ سانى ناھايىتى ئاز ئىكەن.

1.jpg
111.jpg
00350510100_i1000420000277be_1a68d0c6.jpg
U020181009380840388701.jpg
U020181009381637806708.jpg