يۈرەك سانجىقى بولغاندا بەدەندە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟
0
2018-11-08 13:43:00
|
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

يۈرەك سانجىقى بولغاندا بەدەندە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟ نەنفاڭ تېببي داشۆسى قارىمىقىدىكى 3-دوختۇرخانا يۈرەك قان تومۇرى ئىچكى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شېن ئەننا بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېدى: يۈرەك سانجىقى قان، ئوكسېگىن ئىزچىل كەمچىل بولۇش(تاجىسىمان ئارتىرىيە فۇنكىسىيەسى تولۇق بولماسلىق) سەۋەبىدىن يۈز بېرىدىغان يۈرەك مۇسكۇلى نېكروزلىشىشنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ سەۋەبى ھەر خىل. بىراق، مەيلى قايسى تۈردىكىسى بولسۇن، يۈرەك سانجىقى بەدەندىكى قان ياكى ئوكسېگىنىڭ «ئېھتىياجنى قامدىيالمايۋاتقانلىقىدىن» بولىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ناۋادا مەيدە ئاغرىش، ئاشقازان ئاغرىش، چىش ئاغرىش، بويۇن تارتىشىش، سول يۇقىرىقى مۈچە رادىيوئاكتىپلىق ئاغرىش، ھەم شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەرلەش، كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرۇش، نەپىسى قىسىلىش ياكى نەپەس ئېلىش قىينىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش، بېشى قېيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەھۋالى سەل ئېغىر بولغانلار چوقۇم 120 جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونىغا تېلېفون ئۇرۇپ جىددىي قۇتقۇزۇشنى ساقلىشى كېرەك ئىكەن، ھەرقانداق يۆتكىلىش يۈرەك خىزمىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن، شۇڭا، قۇتقۇزۇش كۇمىلىچى (جيۇشىنۋەن) نى يەپ، جايىدا مىدىرلىماي يېتىپ، جىددىي قۇتقۇزۇشنى ساقلاش زۆرۈر ئىكەن.

 

111111111.jpg
222222222.jpg
U020181113441110245247.jpg
U020181113442465942080.jpg
1123696787_15419795050321n.jpg