پويىزدا سەپەرگە ماڭغان ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھىنى ھېچكىم بايقىيالمىدى
0
2018-12-21 15:38:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

شۇ يەر ۋاقتى 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىت II روژدېستۋو بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پويىزغا ئولتۇرۇپ لوندوندىن نورفولكقا قاراپ يولغا چىققان بولۇپ، ئايال پادىشاھ گەرچە 92 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن تەن سالامەتلىكى يەنىلا ناھايىتى ياخشى ھەم تېمەن كۆرۈنەتتى. ئايال پادىشاھ بۇ قېتىم ناھايىتى تۆۋەن ماقامدا سەپەرگە چىققان بولۇپ، ھەتتا ئايال پادىشاھ بىلەن بىر پويىزدا ئولتۇرغان يولۇچىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئايال پادىشاھ بىلەن بىللە سەپەرگە چىققانلىقىنى ئۇقمايلا قالغانىدى.

ئايال پادىشاھ ئەتىگەن سائەت 10 يېرىمدا بېرمىنھام ئوردىسىدىن چىقىپ لوندوندىكى خان كىرىست بېكىتىدە پويىزغا ئولتۇرغان ھەم سائەت 12 دىن 31 مىنۇت ئۆتكەندە مەنزىلى كىڭىز لىين (King's Lynn) غا يېتىپ بارغان. ئايال پادىشاھ ئۈستىگە قوڭۇر رەڭلىك پەلتو، قولىغا قارا رەڭلىك پەلەي كىيگەن بولۇپ، سوغۇقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بېشىغا ياغلىق چىگىۋالغانىدى. ئۇ ماشىنىدىن چۈشكەندىن كېيىن خۇددى ئاددىي پۇقرالارغا ئوخشاش پىيادە ھالدا پويىز بېكىتىگە مېڭىپ بارغان.

62 ياشقا كىرگەن فىيرمۇ ئايال پادىشاھ ئولتۇرغان پويىزغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىققان بولۇپ، ئۇ پويىز كىڭىز لىينغا يېتىپ كېلىپ بېكەتتە ساقچىلار ۋە فوتوگرافلارنىڭ پەيدا بولغىنىنى كۆرگەندىن كېيىنلا ئاندىن ئۆزىنىڭ ئايال پادىشاھ بىلەن بىر پويىزدا سەپەرگە چىققانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن گەرچە ئايال پادىشاھنى كۆرمىگەن بولساممۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن بىر پويىزدا سەپەرگە چىققانلىقىمدىن خۇشالمەن. مېنىڭچە، ئايال پادىشاھنىڭ پويىزدا سەيلىگە چىققىنى ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىشقا ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن».

ساندرىڭھام قورۇقى (Sandringham Estate) نورفولكتا بولۇپ، بۇ ئايال پادىشاھنىڭ شەخسىي قورۇقى ئىدى. بۇ قورۇق بىلەن كىڭىز لىين بېكىتىنىڭ ئارلىقى تەخمىنەن يېرىم سائەتلىك مۇساپە ئىدى.

ئايال پادىشاھ 12-ئاينىڭ 19-كۈنى بېرمىنھام ئوردىسىدا يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان روژدېستۋو بايرىمىلىق چۈشلۈك تاماق زىياپىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، خان جەمەتىنىڭ 50 كە يېقىن ئەزاسى بۇ زىياپەتكە قاتناشقان. ئايال پادىشاھ روژدېستۋو بايرىمى مەزگىلىدە خاررىي شاھزادە ئەر-ئايال ۋە ۋىليام شاھزادە ئەر-ئايال قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خان جەمەتى ئەزالىرى بىلەن بىللە بايراملىق ئەنئەنىۋى تىلاۋەتكە قاتنىشىدۇ.

روژدېستۋو بايرىمىدىن كېيىن، خان جەمەتىنىڭ باشقا ئەزالىرى ساندرىڭھام قورۇقىدىن لوندونغا قايتىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئايال پادىشاھ بىلەن شاھزادە فىلىپ تاكى 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىغا قەدەر بۇ قورۇقتا تۇرىدۇ. ئايال پادىشاھنىڭ دادىسى 1952-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى نورفولكتا ۋاپات بولغان بولغاچقا، ئايال پادىشاھ 2-ئاينىڭ 6-كۈنى مۇشۇ يەردە دادىسىنى ياد ئېتىدۇ.

111111111111111.jpg
U020181221360270262223.jpg
222.jpg
3333333333.jpg