بىر ياشتىن تۆۋەن بالىلار بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى يېسە بولمايدۇ
0
2018-12-21 16:51:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

1.زۇڭزا، يۈەنشىياۋ، نىيەنگاۋ

ئۇلارنىڭ ئورتاقلىقى شۇكى ھەممىسى نومى گۈرۈچىدىن ياسىلىدۇ، شىلىمشىقلىقى كۈچلۈك، بوۋاقلار يۈتۈپلىۋالسا قىزىلئۆڭگەچنىڭ توسۇلۇشىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋال. بەزى ئانىلار قىزىلئۆڭگەچ توسۇلۇپ قالسا نەپەسلىنىشكە تەسىر قىلمايدۇ دەپ قارايدۇ، ئەگەر قىزىلئۆڭگەچنىڭ بىرىنچى تار ئورنى(قىزىلئۆڭگەچ بىلەن يۇتقۇنچاق تۇتىشىدىغان ئورۇن)غا تۇرۇپ قالسا نەپەسلىنىش يولىنى توسۇپ قويىدۇ. بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەر قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرگە ئوخشىمايدۇ، ئاقىۋىتى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.

ئەگەر بېرىشكە توغرا كەلسە ئۇششاق چايناپ، ئېغىزىدىكىنى تولۇق يەپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن يېگۈزۈش، ئۇنىڭدىن سۇيۇق ئوماچ، كۆكتات قاتارلىق ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەر بىلەن قوشۇپ بېرىش كېرەك.

2.مېۋە ئۇيۇتمىسى

مېۋە ئۇيۇتمىسى ناھايىتى سىلىق بولۇپ، بوۋاقلار ئاسان يۇتۇۋالىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بالىلار مېۋە ئۇيۇتمىسىنى پۈتۈن يۇتۇۋالسا نەپەسلىنىش يولىنى ئاسانلا توسۇۋالىدۇ، ئۇنىڭ شەكلىمۇ ئاسان ئۆزگەرگەچكە دوختۇرلارنىڭمۇ ئېلىشى تەسكە توختايدۇ. ئەگەر ئاساسىي نەپەس يولىنى توسۇۋالسا بالىنىڭ نەپىسى نەچچە مىنۇتقا قالمايلا توسۇلۇپ قالىدۇ. ئەگەر بېرىش توغرا كەلسە ئۇششاق پارچىلاپ يېگۈزۈش كېرەك.

3.قاتتىق پوستلۇق مېۋە تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر

كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ چىشى چىقىشى بىلەنلا قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى چىشلەپ يېيەلەيدۇ دەپ قارايدۇ. بىراق ئىككى ياشتىن تۆۋەن بالىلار ئۇنى چىشلەپ ئۇششاق ئېزەلمەيدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يۇتۇش ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلمىگەچكە ئاسانلا گېلىدە تۇرۇپ قالىدۇ. يېيشكە توغرا كەلسە ئالدى بىلەن ئۇششاق ئېزىپ بېرىش كېرەك. يېيش ڄەريانىدا ئاتا-ئانىلار قاراپ تۇرۇش كېرەك.

4.ھەسەل

ھەسەلدە بوتۇلىزىم تاياقچە باكتېرىيەسى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئاسانلا ئۇنىڭدىن زەھەرلىنىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ. بىر ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئۈچەي يولى مىكرو ئېكولوگىيە توسىقى تولۇق يېتىلمىگەچكە، باكتېرىيەنىڭ ھۇڄۇمىغا تەڭ كېلەلمەي قالىدۇ. بالا بۇلغانغان ھەسەل يەپ قالسا ئاسانلا زەھەرلىنىپ، داۋاملىشىشچان قەۋزىيەت، قەغىشلىك،نەپەس قېينىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ھەسەل ناھايىتى تاتلىق بولغاچقا بالىنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى بۇزىدۇ، بارا-بارا قايناقسۇ ۋە سۇيۇق يېمەكلىكنى رەت قىلىپ، تاماق تاللاشتەك ناچار ئادەتنى يېتىلدۈرۋالىدۇ.

4.مېغىزلىق كىچىك تىپتىكى مېۋىلەر

مەسىلەن ئالۇچا، لۇڭيەن،ئۈزۈم، دولانا قاتارلىقلار

بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ھەڄمى كىچىك، ئۇرۇقى بولغاچقا، ئېھتىياتسىزلىقتىن يۇتۇۋالغاندا ئاسانلا نەپەسنى قىسىپ قويىدۇ.

شۇڭا بالىغا يېگۈزگەندە ئۇرۇقىنى ياكى شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ ئېزىپ بېرىش كېرەك.

5.كۆپ قىلتىىرىقلىق بېلىق

بالىلارنىڭ بېلىقنى كۆپ يېيىىشى پايدىلىق، بىراق قىلتىرىقى گالدا تۇرۇپ قالسا ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاش تەس. شۇڭا بالىغا يېگۈزگەندە ئوبدان تەكشۈرۈپ بېرىش كېرەك.

6.ئۇزۇن يېيىتىلغان خېمىر

بالىغا خېمىرلىق تائام بەرگەندە چوقۇم خېمىر تىتىلىپ كەتكۈچە پىشۇرۇپ ئېزىپ بېرىش كېرەك.

111111111111111.jpg
U020181221360270262223.jpg
222.jpg
3333333333.jpg