بىرىنچى يانۋاردىن باشلاپ QQ نىڭ تور بەت نۇسخىسى رەسمىي تاقىلىدۇ
0
2018-12-21 17:04:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

بىرىنچى يانۋاردىن باشلاپ QQ نىڭ تور بەت نۇسخىسى ئەمدى بىزگە «خەير ـ خوش» دەيدۇ. چۈنكى، ھازىر كىشىلەر قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارنى چۈشۈرۈشكە كۆنۈپ قالدى. ئىنتېرنېت ئاستا-ئاستا تېخىمۇ قولايلىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدى، يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش تېخىمۇ قولايلىق بولدى. ما خۇاتېڭ يېقىندا «تۇيۇقسىز» بۇ ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتالىنىڭ تور بەت نۇسخىسىنىڭ تاقالغانلىقىنى، بۇ قارارنىڭ 1ـ يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇرۇنقى تور بەت نۇسخىسىدىكى QQ

چۈنكى ئىلگىرى ئىنتېرنېت ئانچە تەرەققىي قىلمىغان بولۇپ، شۇ سەۋەبلىك تېڭشۈن شىركىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئانچە مۇكەممەل ئەمەس ئىدى. ئىنتېرنېت بارا-بارا قەد كۆتۈرگەندىن كېيىن، تېڭشۈننىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتالى بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ شەكىللەندى. سىلەر تور بەت نۇسخىسىدىكى QQ نى ئىشلىتىپ باققانمۇ؟ ئۇ ھازىرقى مەخسۇس APP غا قارىغاندا پەقەتلا قولايلىق ئەمەس. ئۇنى يانفوندا زىيارەت قىلىش تېخىمۇ قولايسىز، پەقەت كومپيۇتېردىلا كۆرگىلى بولىدۇ. تور بەت نۇسخىسىدىكى QQ 2019 ـ يىلى 1ـ ئاينىڭ 1ـ كۈنى رەسمىي تاقىلىدۇ.

نېمە ئۈچۈن تور بەت نۇسخىسىدىكى QQ نى تاقايدۇ؟ چۈنكى ھازىر كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغانلار ناھايىتى ئاز، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئومۇملاشقاندىن بۇيان، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى يانفون ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ كەتتى. ئىلگىرى كومپيۇتېردا قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلار ھازىر يانفوندىلا ھەل بولىدىغان بولدى. ھازىر كومپيۇتېردا ئەڭ كۆپ بولغاندا بەزى ماتېرىياللار، PPT، پىرىنتلاش قاتارلىق ئىشلار قىلىنىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تور بەت QQ نى ئىشلىتىدىغانلار بەك ئاز. ئەگەر ئۇنى داۋاملىق ئېچىپ قويسا چوقۇم ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك. ھازىر ئۇنى ھېچكىم ئىشلەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، تېڭشۈن شىركىتى ئۇنى تاقىۋەتتى. ھازىر تېڭشۈنگە QQ ۋە ئۈندىداردىن ئىبارەت ئىككى ئەڭگۈشتەر بولسىلا كۇپايە.

ئۈندىدار QQ دىن ئېشىپ كەتتى

ھازىر QQ دىكى ئابونتلارنىڭ سانى ئۈندىداردىكى ئابونتلاردىن كۆپ ئەمەس، بەلكىم بىر نەچچە يىلدىن كېيىن يوقاپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. QQ بىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەسلىمىمىز، ئۇنىڭغا ياشلىق دەۋرىمىزدىكى نۇرغۇن سۈرەتلىرىمىز قاچىلانغان. لېكىن ھازىر ئۈندىدار ئابونتىنىڭ سانى 1 مىلياردتىن ئېشىپ كەتتى، نۇرغۇن QQ ئابونتلىرىمۇ ئۈندىدارغا يۆتكەلمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈندىدار ئىجتىمائىي ئالاقىدە يېرىم دۇنيانى ئىگىلەيدۇ.

تورداشلار مۇنداق دەيدۇ: QQ بولمىسا بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئىچىگە قالدۇرغان سۆزلىرىمىز ۋە سۈرەتلىرىمىز بىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ئەسلىمىلىرىمىز ھېسابلىنىدۇ. يەنە بەزى تورداشلار مۇنداق دېدى: دەۋر تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، بىز كەلگۈسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بىلمەيمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرنى قەدىرلىشىمىز كېرەك. مېنىڭچە ئۈندىدار ۋە QQ بىزگە قولايلىق ئېلىپ كەلدى، ئۇلاردا بىزنىڭ نۇرغۇن گۈزەل ئەسلىمىلىرىمىز بار.

111111111111111.jpg
U020181221360270262223.jpg
222.jpg
3333333333.jpg