ئامىر خان: ھىندىستاندىكىلەر دائىم جۇڭگودا نېمانچە كۆپ مەستانەڭ بار دېيىشىدۇ
0
2018-12-21 17:15:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

يېقىندا، بوللىۋودنىڭ داڭلىق چولپىنى ئامىر خان ئۆزىنىڭ گۇاڭجۇ مۇنارى ئالدىدا چۈشكەن سۈرىتىنى ھەمبەھىرلىگەن بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىم 12-ئاينىڭ 28-كۈنى قويۇلىدىغان ھەرىكەتلىك كومېدىيە كىنوسى «ھىندىستان قاراقچىلىرى» (印度暴徒)نىڭ تەشۋىق پائالىيەتلىرى ئۈچۈن دۆلىتىمىزگە كەلگەن ھەمدە شىئەن، گۇاڭجۇ قاتارلىق بىرقانچە شەھەرلەردىكى تەشۋىق خىزمىتىنى باشلىغان. ئۇ ئەسلىدە گۇاڭجۇدىكى مەلۇم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە مەستانىلەر بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى بولغان بولۇپ، گەرچە پائالىيەت ئورنى مېھمانخانىغا ئۆزگەرتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئىنتايىن كۆپلىگەن مەستانىلەر نەق مەيدانغا بارغان ھەمدە ئامىر خانغا ئەستايىدىل ھالدا تەييارلىغان سوۋغاتلىرىنى بەرگەن، ئامىر خانمۇ مەستانىلەرنىڭ بۇ سوۋغاتلىرىنى كۆرۈپ ئىنتايىن تەسىرلەنگەن، ھاياجانلانغان، شۇنداقلا: «ھىندىستاندا كۆپلىگەن كىشىلەر مەندىن نېمىشقا جۇڭگودا شۇنچە كۆپ مەستانەڭ بار؟ سەن زادى نېمىشلارنى قىلدىڭ؟ دەپ سورىشىدۇ، مەن راستىنلا ئىنتايىن مىننەتدار.»

ئامىر خان «ئۈچ ئەخمەق»، «دانگال» قاتارلىق يۇقىرى نومۇرلۇق كىنولىرى بىلەن دۆلىتىمىز كىنو بازىرىغا كىرگەن ھەمدە نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلغان، ئۇ بۇ قېتىم ئەڭ يېڭى ئەسىرى «ھىندىستان قاراقچىلىرى»نى دۆلىتىمىز كۆرۈرمەنلىرىنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىدىغان بولۇپ، بۇ كىنونىڭ ۋەقەلىك ئارقا كۆرۈنۈشى 1795-يىللىرىدىكى ھىندىستانغا بېكىتىلگەن، ئەينى ۋاقىتتىكى ھىندىستان ئەنگلىيەگە تەۋە، لېكىن بىر توپ قاراقچىلار ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان بولۇپ، كىنودا ھىندىستاننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ھالىتى روشەن ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامىر خان رولىنى ئالغان فرانگى ئۆزى ئۈچۈن ياشاش ياكى دۆلىتى ئۈچۈن ياشاش ئۈستىدە مۇھىم تاللاشقا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ كىنودا ئامىتاب باچچان، كاترىنا كەيف قاتارلىق بوللىۋودتىكى داڭلىق ئارتىسلارمۇ رول ئالىدۇ.

ئامىر خاننىڭ بۇ كىنودىكى ئوبرازى يەنىلا كىشىنى جەلپ قىلىدىغان بولۇپ، بۈدرە چېچى ۋە ئېشەكنىڭ ئۈستىدىكى ھالىتى ئۇنىڭ يۇمۇرىستىك قىياپىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

ئامىر خان جۇڭگودىكى تەشۋىق خىزمىتىنى باشلىغاندىن كېيىن نۇرغۇن مەستانىلەر ئۇنى قوللىغان ھەمدە نەق مەيداندا ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، شىنجاڭلىق بىر قىزچاقمۇ نەق مەيداندا ھىندىچە ناخشا ئېيتىپ ئامىر خانغا بولغان قوللىشىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئۇنىڭغا دوپپا كىيدۈرگەن. ئامىر خان مەستانىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھەمدە مۇنداق دېگەن: «بارلىق مەستانىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن، مەن ھىندىستاندىكى ۋاقتىمدا كۆپلىگەن كىشلەر نېمىشقا جۇڭگودا شۇنچە كۆپ مەستانەڭ بار؟ سەن زادى نېمىلەرنى قىلدىڭ؟ دەپ سوراشتى، ئەمەلىيەتتە كۆپچىلىك مېنىڭ كىنولىرىم سەۋەبلىك مېنى ياخشى كۆرگەن، شۇڭا مەن ئىنتايىن مىننەتدار، كۆپچىلىككە رەھمەت.»

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامىر خان تەشۋىق پائالىيەتلىرىدىمۇ ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىشنى ئۇنۇتمىغان بولۇپ، ھەممەيلەننىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

سىزمۇ ئامىر خاننىڭ كىنولىرىنى كۆرۈشنى ياقتۇرامسىز؟ سىزمۇ ئۇنىڭ مەستانىسىمۇ؟

企业微信截图_20190204133129.png
1413624012.jpg