پىياز ئۇرۇقدىشىغا تەۋە كۆكتاتلارنى كۆپ يەپ بەرگەندە...
0
2019-03-14 17:37:00
|
مەنبەسى:تىيانشان تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل
 

 

  جۇڭگو تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان پىياز ئۇرۇقدىشىغا تەۋە كۆكتاتلار، يەنى سامساق، جۈسەي، پىياز، سېرىق جۈسەي ۋە سۇڭپىياز قاتارلىقلار بوغماق ئۈچەي، تۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى روشەن تۆۋەنلىتەلەيدىكەن.

  2009- يىلى 6- ئايدىن 2011- يىلى 11- ئايغىچە، تەتقىقات كوللېكتىپى دۆلەت ئىچىدىكى ئۈچ دوختۇرخانىدا كېسەللىك مىسالىغا ماسلاشتۇرۇپ سېلىشتۇرۇش تەتقىقاتى ئېلىپ بارغان. تەتقىقات خادىملىرى 833 نەپەر ئۈچەي راكى بىمارىنى تاللاپ چىققان، يەنە يېشى، جىنسى، ئولتۇراق رايونى ئۈچەي راكى بىمارلىرى بىلەن ماس كېلىدىغان، ئوخشاش ساندىكى ساغلام پىدائىيلارنى تاللاپ چىقىپ، ئۇلاردىن ئوزۇقلىنىش قېتىم سانى تەكشۈرۈش سوئال قەغىزىنى تولدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ يېمەكلىك ئادىتى ۋە كېسەللىك سەۋەبىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تەتقىقات خادىملىرى، كۈندىلىك يېمەك- ئىچمىكىدە پىياز ئۇرۇقدىشىغا تەۋە كۆكتاتلارنى قوبۇل قىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ ئادەمنىڭ بوغماق ئۈچەي، تۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بۇ خىل كۆكتاتلارنى قوبۇل قىلىش مىقدارى ئاز بولغان ئادەملەرگە قارىغاندا %79 تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى، ھەر يىلى پىياز ئۇرۇقدىشىغا تەۋە كۆكتاتتىن ئاز دېگەندە تەخمىنەن 16 كىلوگرام(ھەر كۈنى تەخمىنەن 44 گرام) يېگەندە كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى، ئىستېمال مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، قوغداش ئۈنۈمىنىڭمۇ شۇنچە ياخشى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

  تەتقىقات خادىملىرى مۇنداق دېدى: تاماق ئېتىش ئۇسۇلىمۇ پىياز ئۇرۇقدىشىغا تەۋە كۆكتاتلارنىڭ راك كېسىلىگە قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، باش پىيازنى پىشۇرۇۋەتسە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى راكقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ مىقدارىنى ئازايتىۋېتىدۇ، يېڭى سامساقنى نېپىز يالپاقداپ ياكى ئېزىپ ئىشلەتسە تېخىمۇ پايدىلىق.

 
1111111111111111.jpg
222222.jpg
1124217133_1552228389892_title0h.jpg
0.jpg