سىز ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان 10 سوغۇق بىلىم
0
2019-04-11 09:34:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

1. ئالەم. كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىنسانلارنىڭ ئالەم ئۈستىدە قەدەممۇ-قەدەم ئىزدىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئالەمدە نۇرغۇن «سۈنئىي ئەخلەت» قالدۇرۇپ قويدى، بۇ ئەخلەتلەردىن پەقەت يەر شارىنىڭ ئەتراپىدىلا 38مىڭدىن كۆپرەكى بار، ئىچىدىكى دىيامېتىرى 10 مېتىردىن ئاشىدىغانلىرىدىن 22 مىڭى بار.

2. قۇملۇق. ئافرىقىدىكى سەھرايى كەبىر قۇملۇقى يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق، ئالىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ھەر يىلى سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدىكى ئاز دېگەندىمۇ 40 مىليون توننا قۇمنى شامال جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئامازون يامغۇرلۇق ئورمىنىغا ئۇچۇرۇپ ئاپىرىدىكەن.

3. بانان دەسلەپ ئۆسۈپ چىققاندا تۈز بولىدۇ، ئۆسۈش جەريانىدا پەيدىنپەي ئېگىلىدۇ، بۇنىڭدىكى سەۋەب باناندا ئىنتايىن كۈچلۈك نۇرغا ئىنتىلىشچانلىق بار، شۇڭا تېخىمۇ كۆپ كۈن نۇرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەگرى بولۇپ قالغان.

4. تاماق يېيىش. ياپونىيەدە كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئۆزى يالغۇز تاماق يەپ ئولتۇرغاندىكى تەنھا ھالىتىنى كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، شۇڭا %20 كە يېقىن ئادەم تازىلىق ئۆيىدە تاماق يەيدۇ، ئەلۋەتتە تازىلىق ئۆيى ئىنتايىن پاكىز.

5. پىنگىۋىن قۇش تۈرىدىكى ھايۋانلار ئىچىدىكى بىرقەدەر ئالاھىدە تۈر، چۈنكى كۆپىيىش جەريانىدا چىشى پىنگىۋىن پەقەت «تۇخۇم تۇغۇش»قا مەسئۇل، «تۇخۇم تۇغۇش»دىن كېيىن تۇخۇمدىن چىقىرىش جەريانىنى پۈتۈنلەي ئەركەك پىنگىۋىن ئۆزى يالغۇز تاماملايدۇ.

6. مۈشۈك دائىم بەدىنىدىكى تۈكلەرنى يالايدۇ، ھايۋاناتشۇناسلارنىڭ تەتقىق قىلىپ بايقىشىچە، مۈشۈكنىڭ ئۆز تۈكىنى يالىشى ھەرگىزمۇ پەقەت تۈكلىرىنى پاكىزلاش ۋە تۈزەشتۈرۈش ئۈچۈن بولماستىن، ئەڭ مۇھىمى بەدىنىدىكى پۇراقنى يوقىتىپ، ئوۋ ئوۋلىغاندا دۈشمىنىنىڭ ئۆزىنى بايقاپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىكەن.

7. يەر شارىدىكى دېڭىز-ئوكياندىن ئەڭ يىراق جاي، ئاسىيا-ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدىكى ئالاتاۋ ئېغىزىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان «ياۋرو-ئاسىيا نۇقتىسى» دەپ ئاتىلىدىغان جاي، بۇ جاينىڭ ئەڭ يېقىن دېڭىز-ئوكيان بىلەن بولغان ئارىلىقىمۇ 2500 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.

8. يەر شارى. ئىلگىرى بىرەيلەن «ئەگەر يەر شارىدىكى ھەممە ئادەم تەڭلا يۇقىرى ئاۋازدا توۋلىسا، ئاۋازى قانچىلىك جاراڭلىق چىقىدۇ؟» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان، ۋاھالەنكى بۇ مەسىلە ھازىرغىچە ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانمىدى، شۇڭا پەقەت سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ئانالىز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرغىچە يەر شارىدا خاتىرلەنگەن ئەڭ يۇقىرى ئاۋاز كىراكاتو يانار تېغى پارتلىغاندا چىققان ئاۋاز، پۈتۈن يەر شارىدىكى يانار تاغدىن ئارىلىقى ئىنتايىن يىراق 50 جايدا بۇ ئاۋاز ئاڭلانغان.

9. يېمەكلىك. كۆڭۈل يېرىم بولغاندا كۆپرەك يېيىش كېرەك، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى بار، چۈنكى بەدىنىمىز كۆپ مىقداردا ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسى قوبۇل قىلغاندا، بەدىنىمىز سېروتوتىن دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ھورمۇن قويۇپ بېرىدۇ، بۇ خىل ماددا بىزنى خۇشاللاندۇرۇپ، كەيپىياتنى تەڭشەشكە زور ياردىمى بار.

10. چۈش كۆرۈش. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنىڭ، چۈش كۆرۈش ياكى كۆرمەسلىك بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق، لېكىن تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ئەقلىي ئىقتىدارى بىرقەدەر يۇقىرى، تەپەككۇرى بىر قەدەر جانلىق كىشىلەر ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا بىر قەدەر ئاسان چۈش كۆرىدىكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ چۈشىدە كۆرگەن مەزمۇنلار كۈندۈزى يۈز بەرگەن ئىشلار، ئۆزى كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، «قالايمىقان» چۈش كۆرىدىغان ئەھۋاللار كۆپ بولمايدىكەن.

c02.jpg
c03.jpg
d01.jpg
a08.jpg
1111111.jpg