«ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»دىكى جاڭ فېي ئېسىڭىزدىمۇ؟
0
2019-04-11 09:52:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :نۇر تورى

«ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا نۇرغۇن پېشقەدەم ئارتىسلار رول ئالغان، گەرچە قايتىلاپ ئىشلەنگەن بولسىمۇ لېكىن ئەسلىدىكىسىدىن ھالقىپ كېتەلمىگەن، بۇ ئارتىس جاڭ فېي رولى بىلەن تونۇلغان، ئۇ جاڭ فېينىڭ رولىغا ئىنتايىن ماس كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى جاڭ جىڭفېي.

1994-يىلى «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» نىڭ سىنارېيەسىنى يېزىش ۋە ئارتىس تاللاشقا بىر يىل ۋاقىت كەتكەن، جاڭ فېي ئوبرازى ئالتە باش رولچىنىڭ بىرى بولغاچقا، ئۇنىڭ رولىنى دەل جايىدا ئالىدىغان ئارتىس تېپىش تەسكە چۈشكەن. لى جىڭفېينىڭ كۆزى يوغان ھەم يۇمىلاق بولغاچقا، ئەسلى ئەسەردىكى جاڭ فېينىڭ ئوبرازىغا ماس كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ پۇرسەتكە ئېرىشكەن.

ئۇنىڭ ساقىلىمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە، ئۇ بۇ تىياتىردىكى ليۇ بېي ۋە گۇەنيۈدىن خېلى كىچىك، ھەمدە بىردىنبىر ھېلىغىچە ئارتىسلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئارتىس.

ئەمما بۇ ئارتىسلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى فىلىم ھەققى بەك ئاز بوۇپ، باۋ گوئەن، تاڭ گوچياڭ قاتارلىقلارغا ھەر قىسىمغا 250 يۈەن ھەق بېرىلگەن، لى جىڭفېي قاتارلىقلارغا 180 يۈەندىن بېرىلگەن.

جاڭ فېي ئوبرازى قوپال ئەمما ئاقكۆڭۈل، ئوماق ئىدى، گۇەن يۈ ئۆلۈپ كەتكەندە ئۇ ئېچىنىشلىق يىغلاپ ھەممەيلەننى يىغلاتقان ئىدى. ئۇ رېئال تۇرمۇشتا ناھايىتى ئىللىق ھەم يۇمۇرىستىك ئادەم، قىزى بىلەن ھەمىشە غەلىتە سۈرەتلەرگە چۈشىدۇ، ئۇنىڭ قىزىمۇ چوڭ بولغانچە چىرايلىق قىزغا ئايلانغان.

لى جىڭفېينىڭ قىزىنىڭ ئىسمى لى دوڭتيەن بولۇپ، ئىككەيلەننىڭ بۇ سۈرەتلىرىنى كۆرگەن تورداشلار ئەينى ۋاقىتتا تېلىۋوزوردىكى قوپال بۇ ئەزىمەتنىڭ رېئال تۇرمۇشتا بەكلا مېھرىبان ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان. ھازىر ئۇ ناھايىتى ئاز كىنولاردا رول ئالدىۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كىلاسسىك ئوبرازى يەنىلا نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئەسلىمىسىدە ساقلانغان.

سىز ئۇنىڭ ئوبرازىنى ياقتۇرامسىز؟

1124345526_15548158640301n-(1).jpg
企业微信截图_20190407143736.png