ئالىملار ئىتنىڭ پۇراش سەزگۈسى ئارقىلىق راك كېسىلىگە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلىنى بايقىدى
0
2019-04-11 10:02:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

«ئىلىم-پەن ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 8-ئاپرىلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتى BioScent Dx تەجرىبىخانىسىدىكى ئالىملار ئىتنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان پۇراش سەزگۈسى ئارقىلىق راك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى جەزىملەشتۈرەلەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىكى توغرىلىق نىسبىتىنىڭ تەخمىنەن %97 كە يېتىدىغانلىقىنى بايقىغان.

ھازىرقى ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىتنىڭ پۇراش سەزگۈسىنىڭ سەزگۈزلۈك نىسبىتى ئىنسانلارنىڭ 10000 ھەسسىسىگە يېتىدىغان بولۇپ، ئىتلارنىڭ پۇراش سەزگۈسى ئادەتتە ئىنسانلار ئاسانلىقچە بايقىيالمايدىغان پۇراقلارغا قارىتا ناھايىتى سەزگۈر كېلىدىكەن. بۇ يېڭى تەتقىقات تۈرى ئىتنىڭ پۇراش سەزگۈسى ئارقىلىق راك كېسىلىگە دىياگنوز قويۇشنى تېخىمۇ زور قولايلىقلار بىلەن تەمىن ئېتەلەيدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ توغرىلىق نىسبىتى يۇقىرى، تەننەرخى تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئادەم بەدىنىگە قارىتا ھېچقانداق زىيان پەيدا قىلمايدىكەن.

BioScent Dx تەجرىبىخانىسىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى شىللېر مۇنداق دېگەن:«گەرچە نۆۋەتتە راك كېسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل داۋالاپ ساقايتالايدىغان ئۇسۇل تېپىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن راك كېسىلىنى بالدۇر بايقاش راك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ھايات قېلىش ئېھتىماللىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرەلەيدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بولۇپ ھېساپلىنىدۇ». شىللېرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىتلارنىڭ يۇقىرى سەزگۈرلۈكتىكى پۇراش سەزگۈسى ئارقىلىق راك كېسىلىگە دىياگنوز قويۇش ئۇسۇلى نەچچە يۈز مىڭلىغان راك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە راك كېسىلىنى داۋالاش ئۇسۇلىنىمۇ ئۆزگەرتەلەيدىكەن.

شىللېر 4-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە فىلورىدا ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2019-يىللىق تەجرىبە بىئولوگىيىسى يىغىنىدا يۇقارقى تەتقىقات تۈرىنى تونۇشتۇرغان.

شىللېر بىلەن ھەمراھلىرى بۇ تەتقىقات تۈرىدە تۆت ئىتقا نورمال قان پىلازمىسى ۋە ئاخىرقى باسقۇچتىكى ئۆپكە راكى بىمارلىرىنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى پۇرىتىپ تەجرىبە ئېلىپ بارغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئىتنىڭ پۇراش سەزگۈ نەتىجىسى تازا نورمال چىقمىغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغان ئۈچ ئىتنىڭ پۇراش سەزگۈسى ئارقىلىق راك كېسىلىگە دىياگنوز قويۇش توغرىلىق نىسبىتى %96.7 كە يەتكەن.

BioScent Dx تەجرىبىخانىسىدىكىلەر يەنىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۆتكەن يىلى 11-ئايدىن باشلاپ سۈت بېزى راكىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەم قاتتىق كۆندۈرۈلۈپ مەشىقلەندۈرۈلگەن ئىتلارغا سۈت بېزى راكى بىمارلىرىنىڭ نەپەس ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرتۈش ئارقىلىق راك كېسىلىگە دىياگنوز قويۇشنى مەشىق قىلدۇرغان.

نۆۋەتتە بۇ تەتقىقات تۈرى يەنە داۋاملاشماقتا.

1124345526_15548158640301n-(1).jpg
企业微信截图_20190407143736.png