تايلور سىۋىفت بىلەن ئادەل ھەمكارلىقنى باشلىدى
0
2019-04-11 10:10:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئادەل يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان نيۇيوركتا پەيدا بولغان بولۇپ، بىر قانچە داڭلىق ئۈنگە ئېلىش خىزمەتخانىسىغا بارغان. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ تايلور سىۋىفتنىڭ ئۆيىدە بىر قانچە كۈن تۇرغان، يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ ئۈنگە ئالىدىغان جابدۇقلىرىنى تايلور سىۋىفتنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى كۆرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئادەل يېڭى پىلاستىنكىسىنى چىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، بۇ پىلاستىنكا 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا چىقىدىكەن.

ئادەل داڭلىق مودا ناخشىچى، ئۇنىڭ «21» ناملىق ناخشا توپلىمى نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، 30 نەچچە دۆلەتتە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى پىلاستىنكا بولۇپ قالغان. «Rolling in the Deep»، « Someone like You»، « Set Fire to the Rain» قاتارلىق ئۈچ ناخشىسى ئۇدا نەچچە ھەپتە چېمپيونلۇق ئورۇندا تۇرغان. 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى «25» ناملىق پىلاستىنكىسى بىلەن 59-نۆۋەتلىك گىرەممىي مۇكاپاتىدا بەش چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

تايلور سىۋىفىت ئامېرىكىلىق مودا ناخشىچى، ئۇ ئامېرىكىدىكى بىردىنبىر تۆت پىلاستىنكىسى تۇنجى ھەپتىسىدىلا مىليوندىن ئوشۇق سېتىلغان ناخشىچى. 2017-يىلى دەۋر ژۇرنىلى ئۇنى يىللىق شەخس قىلىپ باھالىغان. ئۇ ھەمىشە يىگىتىنى ئالماشتۇرىدۇ، ئاندىن ئايرىلىپ كەتكەن يىگىتى ئۈچۈن ناخشا يازىدۇ، تورداشلار تايلور سىۋىفت يىگىتنى جىق ئالماشتۇرسا ناخشا يېزىشىغا پايدىلىق دېيىشىدۇ.

ئادەل بىلەن تايلور سىۋىفىتنىڭ ھەمكارلىقى ھەقىقەتەن ھەممەيلەننىڭ كۈتۈشىگە ئەرزىيدۇ.

1124345526_15548158640301n-(1).jpg
企业微信截图_20190407143736.png