يېڭى نۇسخىدىكى ئاۋدى A4 ۋە ئاۋدى S4 جەمەتىنىڭ ئورگان سۈرىتى ئېلان قىلىندى
0
2019-05-15 18:48:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ئاۋدى ئورگان تەرەپ ئوتتۇرا مەزگىللىك ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىدىكى A4 ۋە S4 جەمەتىنىڭ ئورگان سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدا ئاۋدى A4 Limousine، ئاۋدى A4 Avant، ئاۋدى A4 allroad quattro، ئاۋدى S4 Limousine ۋە ئاۋدى S4 Avant بەش خىل تىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يېڭى ئاپتوموبىل تاشقى قىياپىتى، ئىچكى بېزىكى ۋە ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىنى ئەلالاشتۇرغان، پۈتكۈل ئاپتوموبىلنى قارىماققا تېخىمۇ سپورتلاشقان، ئەقلىيلەشكەن كۆرسىتىدۇ.

يېڭى نۇسخىدىكى ئاۋدى A4 Limousine

يېڭى نۇسخىدىكى ئاۋدى A4 Limousineنىڭ تاشقى قىياپىتى ئاساسلىقى ئالدى يۈزى ۋە قۇيرۇق چىراغ گۇرۇپپىسىغا قارىتا ئەلالاشتۇرۇش قىلغان، بۇنىڭدا بەلگە خاراكتېرلىك ئالتە تەرەپلىك چوڭ ئېغىز شەكلىدىكى سالاسۇنى تېخىمۇ يايپاڭ، بىرلا ۋاقىتتا ئەڭ يېڭى چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسى تەرتىپسىز ياسىلىش شەكلىدىن شوتا شەكىللىك لايىھەگە تەڭشەلگەن، ئىچكى قىسىمىدىكى كۈندۈزلۈك چىراغ ۋە چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسىدە بىردەك LEDلىق يورۇقلۇق مەنبەسى قوللىنىلغان.

يان تەرەپتىن قارىغاندا، يېڭى نۇسخىدىكى ئاۋدى A4 Limousine ئاپتوموبىلىدا جەمەتنىڭ ئەڭ يېڭى ئالدى-ئارقا بەل سىزىق لايىھەسى قوللىنىلغان، پۈتكۈل ئاپتوموبىلنى يان تەرەپتىن قارىغاندا تېخىمۇ جەزبىدار قىلغان. بۇنىڭدىن سىرت، قۇيرۇق چىراغ گۇرۇپپىسىنىڭ ياسىلىش تىپى ئەلالاشتۇرۇلغان، ئەڭ يېڭى LEDلىق يورۇقلۇق مەنبەسى لايىھە ئۇسلۇبىدا ئاۋدى A6غا تېخىمۇ يېقىنلاشقان، بۇنىڭدىن سىرت، يېڭى ئاپتوموبىل قايتىدىن لايىھەلەنگەندىن كېيىن بىخەتەرلىك لىمى تېخىمۇ سپورت بولۇش بىلەن بىرگە، ھەقىقىي كېرەكسىز گاز چىقىرىش ئېغىزى لايىھەسىنى داۋاملاشتۇرغان.

ئىچكى بېزەك جەھەتتە يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى مەزكىزىي كونترولدىكى 10.1 ديۇملۇق MMI چەكمە ئېكراندىن كەلگەن، مەزكۇر ئېكراندا ئەڭ يېڭى چەكمە لايىھە قوللىنىلغاندىن سىرت، يەنە ئاۋاز قايتىلانمىسى بار، سىستېما تىزىملىكىمۇ ئابۇنتنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئاساسەن تۈزىلىدۇ. ئەسلىدىكى MMI چەكمە كونترول تاختا بىكار قىلىنغان، ئەسلىدىكى ئورۇن نەرسە ساقلاش قۇتىسى قىلىنغان.

يېڭى نۇسخىدىكى ئاۋدى A4 Avant edition one

تىلغا ئېلىشقا بىر ئەرزىيدىغىنى، يېڭى نۇسخىدىكى ئاۋدى A4 Limousineنىڭ پۈتۈن 12.3 ديۇملۇق سۇيۇق كرىستاللىق ئۆلچەش سائىتى تەخسىسى ماي مىقدارى ۋە سۇ تېمپراتۇرىسى قاتارلىق ئىككى تۈرنى ئەمەلىي كۆرۈنمە يۈزدىن UI كۆرۈنمە يۈزىگە كىرگۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرنى كۆرسىتىپ بېرەلىگەن ھەمدە ئۈچ خىل ئوخشىمىغان UI ئۇسلۇبىنى تاللاشقا تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، يېڭى ئاپتوموبىلدا يەنە myAudi ئەپى، Bang&Olufsen 3D يۇقىرى دەرىجىلىك ياڭراتقۇ سىستېمىسى، باش ئېكران، ئۆز ماسلاشما يول يۈرۈش قاتارلىقلار تەمىنلىنىدۇ.

يېڭى نۇسخىدىكى ئاۋدى A4 Avant edition one

بۇنىڭدىن سىرت، ئاۋدى يەنە ماس قەدەمدە A4 Avantنىڭ ئورگان سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، يېڭى ئاپتوموبىلدىكى پۈتكۈل ئۆزگىرىش يېڭى نۇسخىدىكى ئاۋدى A4 Limousine بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىغان، پەقەت قۇيرۇق چىراغ قايتىدىن لايىھەلەگەن، ياسىلىش تىپى تېخىمۇ تار ئۇزۇن. بۇنىڭدىن سىرت، ئاۋدى يەنە بۇ ئىككى يېڭى ئاپتوموبىلغا ئىككى خىل ئوخشىمىغان تاشقى قىياپەت يۈرۈشلۈك زاپچىسى تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ قېتىمقى ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىدىكى ماشىنا تىپلىرىغا قارىتا ئاۋدى ياۋروپا بازىردا ئالدى بىلەن A4 edition oneنى چىقىرىدۇ، بۇ ئاپتوموبىل ئاۋدى A4 Limousine ۋە Avant تىپىنىڭ S-line تاشقى قىياپەت ياسىلىش تىپىنى ئاساس قىلغان، قارا رەڭلىك ئورالما قوللىنىلغان.

يېڭى نۇسخىدىكى ئاۋدى A4 allroad quattro

يېڭى نۇسخىدىكى ئاۋدى A4 Avant ئاساسىدا ياسالغان يېڭى ئاۋدى A4 allroad quattroدا A4 Avantكە قارىغاندا 35mmلىق يەر بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاشۇرۇلغان ھەمدە quattro تۆت چاق سۆرەش سىستېمىسى ماسلاشتۇرۇلغان.

يېڭى نۇسخىدىكى ئاۋدى S4 Limousine

ئىقتىدار نۇسخىسىدىكى ئاۋدى S4 Limousine ۋە S4 Avantدا بولسا ئەڭ يېڭى ھەرە كۆنىكىسىمان سالاسۇن لايىھەسى بار، بىرلا ۋاقىتتا يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ سالاسۇنىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ھاۋا كىرىش ئېغىزىنى كۆپەيتكەن، ئالدى ئورالما بېزەك ھىڭگاڭ چىشتەك كۆرۈنىدۇ، كۆرۈنمە زەربە كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك. بۇنىڭدىن سىرت، كۈمۈش رەڭلىك سىرت ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكى، ئىككى تەرەپتە ئىككىدىن تۆت كېرەكسىز گاز چىقىرىش قاتارلىق S جەمەتىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك ئېلېمېنتلىرى داۋاملىق ساقلاپ قېلىنغان.

ئاۋدى S4 Limousine

ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىمۇ بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا مەزگىللىك ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىدىكى مۇھىم نۇقتا، ياۋروپا بازىرىغا قارىتىلغان يېڭى نۇسخىدىكى ئاۋدى A4 Limousine/Avant، ئاۋدى A4 allroad quattro قاتارلىقلارغا 1.4Tلىق، 2.0Tلىق ۋە 2.0TDIلىق ئۈچ خىل ماتورنى جەمئىي تۆت خىل ئوخشىمىغان تەڭشەكتە تەمىنلەيدۇ، بۇنىڭدا ئۈچ خىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ تىپىغا 12V مىكرو ئارىلاش ھەرىكەتلەندۈرۈش تېخنىكىسى تەمىنلەپ، مەزكۇر ئاپتوموبىلنى كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىشتە ياۋروپانىڭ قاتتىق 6 d ئۆلچىمىگە يەتكۈزىدۇ. ھەرىكەت ئۇزىتىش جەھەتتە قول خوتلۇق ياكى يەتتە خوتلۇق قوش مۇفتلىق تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلىدۇ ھەمدە quattro تۆت چاق سۆرەش سىستېمىسىنى تاللاپ ئورنىتىشقا بولىدۇ.

يېڭى نۇسخىدىكى ئاۋدى S4 Limousine ۋە S4 Avantقا بىرلا ۋاقىتتا 3.0TFSI ۋە 3.0TDIلىق ئىككى خىل ماتور تەمىنلىنىدۇ، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 354 ئات كۈچى ۋە 347 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 500 نيۇتون مېتىر ۋە 700 نيۇتون مېتىر. ھەرىكەت ئۇزىتىش جەھەتتە بىردەك سەككىز خوتلۇق ئاپتوماتىك تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ۋە quattro تۆت چاق سۆرەش سىستېمىسى ماسلاشتۇرىلىدۇ.

333333333333.jpg
2222222222.jpg
W020190524412404811176.jpg