بالىنىڭ تىلى كېچىكىپ چىقسا قانداق قىلىش كېرەك؟
0
2019-05-15 18:54:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

بالىنىڭ تىلى كېچىكىپ چىقسا ياكى گېپى ئېنىق بولمىسا، بالىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسى، پىسخىك ساغلاملىقى، بىلىشى ۋە ماھارەت ئۆگىنىشى شۇنداقلا كەسپ تەرەققىياتىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يېتىدۇ، شۇڭا ئاتا - ئانىلار «بالىنىڭ تىلى كېچىكىپ چىقىش» ئەھۋالىغا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

بىرىنچى، قايسى سەۋەبلەر بالىلارنىڭ تىلى چىقىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

1. ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش: ئاڭلاش ئەزالىرى مەسىلىلىرى

2. ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى توسالغۇغا ئۇچراش: بىلىش، چۈشىنىش ئىقتىدارى ناچار بولۇش، چۈشىنىش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى ئارقىدا قېلىش.

3. سۆزلەش ئەزالىرىنىڭ يېتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش: تىل ئىلىنچىقى مەسىلىسى، كالپۇك- تاڭلاي يېرىقى قاتارلىقلار.

4. تىل مۇھىتى: بالا بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئاز بولۇش، ئۆيدىكىلەرنىڭ گەپ قىلغاندىكى تەلەپپۇزى مۇرەككەپ بولۇش قاتارلىقلار.

5. پىسخىكىلىق سەۋەب: ئاتا- ئانا دائىم بالىنى ئەيىبلەش.

6. پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى: ئاتا- ئانا بالا بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا سۆزلەش سۈرئىتى بەك تېز بولۇش ياكى مەزمۇنى بالىنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كېتىش قاتارلىقلار.

ئىككىنچى، بالىلارنىڭ تىلىنىڭ كېچىكىپ چىقىشىنىڭ ئىپادىلىرى قايسىلار؟

ئالتە ئايلىق بولغاندا: كۈلۈش، ۋارقىراشنى بىلمەسلىك.

10 ئايلىق بولغاندا: ئۆز ئىسمىنى ئاڭقىرالماسلىق، ئىسمىنى چاقىرسا ئىنكاس قايتۇرماسلىق.

بىر ياشتا: ئاددىي مۈچە ھەرىكەتلىرىنى قىلالماسلىق، «دادا»، «ئاپا» دەپ توۋلىيالماسلىق، ئۆز ئېھتىياجىنى ئىپادىلىيەلمەسلىك.

15 ئايلىق بولغاندا: كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئاددىي سۆزلەرنى چۈشەنمەسلىك، مەسىلەن، «بولمايدۇ»، «خەير- خوش» قاتارلىقلار، سۆزلىيەلەيدىغان سۆزى ئۈچكە يەتمەسلىك.

بىر يېرىم ياشتا: سۆزلىيەلەيدىغان سۆزى ناھايىتى ئاز بولۇش، ھەتتا ئالتىگە يەتمەسلىك، نەرسىلەرنى كۆرسىتەلمەسلىك.

ئىككى ياشتا: سۆزلەرنى باغلىيالماسلىق، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، مەسىلەن، چىش چوتكىسىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى بىلمەسلىك، ھەرىكەت ياكى گەپلەرنى دورىيالماسلىق، بەدىنىنىڭ مۇناسىپ قىسمىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەسلىك.

ئىككى يېرىم ياشتا: ئۆيدىكىلەر بالىنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنەلمەسلىك، بالا قىسقا جۈملىلەرنى دېيەلمەسلىك، ئۆزى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان مەسىلىنى ئىپادىلىيەلمەسلىك.

ئۈچ ياشتا: سۆز ۋە قىسقا جۈملىلەرنى دېيەلمەسلىك، ئاددىي بۇيرۇقلارنى چۈشىنەلمەسلىك، باشقا كىچىك دوستلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالماسلىق.

ئۈچ يېرىم ياشتا: تولۇق بىر جۈملە گەپنىڭ مەنىسىنى ئىپادىلىيەلمەسلىك، مەسىلەن، «ئويۇنچۇق ئالىمەن» دېمەكچى بولسا «ئالىمەن» دېگەن سۆزنىلا دېيىش.

تۆت ياشتا: گەپلىرى ئېنىق بولماسلىق، باشقىلار بالا ئىپادىلىگەن مەقسەتنى تولۇق چۈشىنەلمەسلىك.

ئۈچىنچى، بالىدا يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ئاتا- ئانىلار قانداق قىلىشى كېرەك؟

ئاتا- ئانىلار تېزدىن بالىنى تىل ئامبۇلاتورىيەسىگە ئېلىپ بېرىپ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرتۈش (ئەقلىي ئىقتىدار سىنىقى، تىل يېتىلىشىنى باھالاش، ئاڭلاش ئىقتىدارى سىنىقى)لەرنى ئېلىپ بېرىپ، بالىنىڭ تىل يېتىلىش سەۋىيەسى ۋە مەۋجۇت بولۇش ئېھتىمالى بولغان تەسىر ئامىللىرىنى ئىگىلىسە بولىدۇ، كەسپىي خادىملار بالىنىڭ كونكرېت يېتىلىش ئەھۋالى ۋە باھالىغاندىن كېيىنكى نەتىجىگە ئاساسەن، خاس مەشىق لايىھەسى ۋە ئائىلە ئارىلىشىش قوللانمىسى تۈزۈپ چىقىدۇ.

تۆتىنچى، ئائىلىدە دەسلەپكى مەزگىلدە ئارىلىشىش ئۇسۇللىرى قايسىلار؟

1. تەربىيەنى كۈچەيتىش: بالىنىڭ بىلىش، چۈشىنىش ئىقتىدارى مەشىقىگە ئەھمىيەت بېرىش.

2. كۈندىلىك تۇرمۇشتا بالا بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بالىنىڭ سۆزلەش ئارزۇسىنى قوزغاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش.

3. بالىنىڭ يېمەك- ئىچمىكىگە ئەھمىيەت بېرىش: بالىنىڭ يېتىلىش باسقۇچىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق ۋاقىتتا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇش، چايناش قېتىم سانىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق، ئېغىز ئەتراپى مۇسكۇلىنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنى ئاشۇرۇش.

未标题-1.jpg
1124493813_15578500470191n.jpg
1124493783_15578501147311n.jpg