سۈنئىي سۈت ھەقىقىي سۈتنىڭ ئورنىنى ئالالامدۇ؟
0
2019-05-15 18:56:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

شۇنداق، سۈنئىي گۆشتىن كېيىن سۈنئىي سۈتمۇ سەھنىگە چىقتى. ئېيتىلىشىچە، سۈنئىي سۈتنىڭ تەننەرخى يۇقىرى بولغاندىن سىرت تەمىمۇ ئادەتتىكى سۈتنىڭكىدىن پەرقلەنمەيدىغان بولۇپ، بەلكى تېخىمۇ ساغلام بولىدىكەن. بىراق، سۈتچىلىك مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دېدى: «سۈنئىي سۈتنىڭ ئىلىم-پەن جەھەتتە ئىزدىنىش قىممىتى بار، لېكىن ھەقىقىي بازارغا يۈزلىنىپ سۈتنىڭ ئورنىنى ئېلىشقا بولمايدۇ».

سۈنئىي گۆشكە ئوخشاش سۈنئىي سۈتمۇ ھەقىقىي سۈت ئەمەس. تەجرىبىخانىدا، ئالىملار ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تەرتىپ بويىچە خىمىيەلىك ماددىلارنى پروبىركىغا سېلىپ تەڭشىگەن ھەمدە بىيولوگىيەلىك ئېچىتقۇدىن پايدىلىنىپ ھەقىقىي سۈت ئاقسىلىنى ئىشلەپچىقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئادەتتىكى سۈتنىڭ تەمىگە تەقلىد قىلىپ ياسىغان سۈت بولۇپ، لېكىن ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى سۈت بىلەن سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. مەسىلەن، سۈنئىي سۈتكە ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپىنى تەڭشىيەلەيدىغان ئانا سۈتى تۆۋەن پولىساخارىدنى قوشقان بولۇپ، ھەر قانداق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ قاتنىشىشى ياكى كېيىنكى مەزگىللىك پىششىقلاپ ئىشلىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن. لېكىن سۈنئىي سۈتنىڭ تەننەرخى ئادەتتىكى سۈتنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى بولىدىكەن.

قوللىغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، سۈنئىي سۈت پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىدىغان بولۇپ، يەنە سۈت كالىسىنىمۇ ئازاد قىلىدىكەن. لېكىن، بۇنداق سۈنئىي سۈتنى ئىستېمالچىلار ھەقىقەتەن قوبۇل قىلالامدۇ؟ ئۇ سۈتنىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي ئالالامدۇ؟ سۈنئىي سۈتنىڭ بارلىققا كېلىشى يەنىلا كىشىلەرگە نۇرغۇن تەسەۋۋۇر بوشلۇقى قالدۇرغان.

دوراپ تەم كىرگۈزگەن بىلەن جەۋھىرىنى كۆچۈرگىلى بولمايدۇ

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى بېيجىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى، دۆلەتلىك سۈتچىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى جاڭ ياڭدوڭ مۇنداق دەپ قارىدى: «سۈنئىي سۈت پەقەت سۈتنى ئاددىي تەقلىد قىلىپ ياسىغان بولۇپ، خۇددى ئىچىملىككە مۇئەتتەر قوشقانغا ئوخشاش پەقەت تەمى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، خالاس. ئۇنىڭدا ئېيتىلغان تۆۋەن پولىساخارىد تۈرىدىكى ماددىلارغا كەلسەك، بۇ بەلكىم پەقەت بىر تەشۋىقات بولۇشى مۇمكىن».

پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، دۆلەتلىك سۈتچىلىك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى، جۇڭگو سۈتچىلىك جەمئىيىتى سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۇ جياشېڭ مۇنداق دېدى: «تەجرىبىخانىدا ياسالغان نەرسىلەرنىڭ چەكسىز يېقىنلىشىش مۇمكىنچىلىكى بار، لېكىن ھەقىقىي سۈت بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش بولۇشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس».

گۇ جياشېڭ مۇنداق دېدى: «كىشىلەرنىڭ ئەنەنىۋى تونۇشىدا، سۈتنىڭ %87 ى سۇ، ئېشىپ قالغىنى ئاقسىل، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ياغ ۋە ۋىتامىن قاتارلىق ماددىلار. ئەمەلىيەتتە، ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر كالا سۈتىدە ئاساسىي ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن باشقا يەنە تەركىبى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان ئەمما بىئولوگىيىلىك ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان ئاكتىپ ماددىلارنىڭمۇ بارلىقىنى بايقىدى. مەسىلەن، سۈت تەركىبىدە يەنە بىيولوگىيەلىك ئاكتىپ سۈت ئاقسىلى، نىترو-لاكتالبۇلىن ئاقسىلى، سۈت-تۆمۈر ئاقسىلى، ئىممۇنىتېت شارچە ئاقسىلى قاتارلىق ماددىلار بار ئىكەن. بۇ بىئولوگىيىلىك ئاكتىپ ماددىلار كالا سۈتىنىڭ تەركىبىدىكى جەۋھەر بولۇپ، ئۇلار تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن باكتېرىيەلەرگە قارشى تۇرۇش، بەدەندىكى ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسىنى جانلاندۇرۇش، ئورگانىزمنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش قاتارلىق مۇھىم روللارغا ئىگە». دېمەك تەجرىبىخانىدا ھەقىقىي سۈتتىنمۇ قالتىس بولغان سۈتنى ياساپ چىقىش مۇمكىن بولسۇن؟ گۇ جياشېڭ ئالاھىدە مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «موزاي ئەمدىلا تۇغۇلغاندا ئەگەر كالا سۈتىنى ئىچەلمىسە ياكى سۈت تەركىبىدىكى بىيولوگىيەلىك ئاكتىپ ماددىلارنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلمىسا، ھەتتا ئوڭۇشلۇق ئورنىدىنمۇ تۇراماي قالىدۇ».

333333333333.jpg
2222222222.jpg
W020190524412404811176.jpg