ئېلىمىز ئالىملىرى تېز سۈرئەتتە قان توختىتىدىغان تەقلىد قىلىنغان يىلىمنى تەتقىق قىلىپ چىقتى
0
2019-05-15 19:02:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

قانداق قىلغاندا يارا ئېغىزىنى تېز ساقايتقىلى بولىدۇ؟ دورىلىق چاپلاق چاپلاش ۋە تىكىش يىڭنىسىدىن باشقا يەنە باشقىچە ئۇسۇللار بارمۇ؟ جېجياڭ داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى تەتقىقات كوللېكتىپى نەچچە ئون سېكۇنت ئىچىدە چوڭ تومۇرنىڭ زەخىملىنىشى ۋە يۈرەكنى تېشىپ ئۆتۈپ زەخىملىنىشتىن قان كۆپ چىقىپ كېتىشنى پۈتۈنلەي توختاتقىلى بولىدىغان، سۇغا تەقلىد قىلىنغان يىلىم ماتېرىيالىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ خىل ماتېرىيالنىڭ ئۈنۈمى ھايۋانات تەجرىبىسىدە ئىسپاتلانغان، كەلگۈسىدە كىلىنىكىدا كەڭ قوللىنىلىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن. ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىلىرى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى «تەبىئەت. خەۋەر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.

قاننى تېز توختىتىش ۋە يارا ئېغىزىنى ئېتىۋېتىش يۈرەك تاشقى بۆلۈمى ۋە چوڭ قان تومۇر تاشقى بۆلۈمىگە نىسبەتەن زور خىرىس بولۇپ، ھەر يىلى قان چىقىشنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلالماي ئۆلۈپ كەتكەن ئادەم سانى يەنىلا ئىنتايىن كۆپ ھېسابلىنىدۇ. ئىلمىي ماقالىنىڭ ئالاقىلىشىش ئاپتورى، جېجياڭ داشۆسىنىڭ تەكلىپلىك پىروڢېسسورى ئوۋياڭ خوڭۋېينىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ماتېرىيال ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن سۈنئىي خىمىيەلىك بىرىكمە يىلىم يارا ئېغىزىنى تېز سۈرئەتتە ئېتىشكە ئىشلىتىلدى. كۆڭۈلدىكىدەك يىلىم دورىسى نەملىك توقۇلمىسىغا نىسبەتەن كۈچلۈك يېپىشىش كۈچىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىمۇ يۇقىرى قان بېسىم ۋە يۈرەكنىڭ قاتتىق سوقۇشىغا تاقابىل تۇرالايدۇ. ئەمما، نۆۋەتتە يۇقىرىقى تەلەپلەرنى قاندۇرىدىغان ماتېرىيال يوق دېيەرلىك ئىكەن.

تەتقىقات ئۆمىكى بىر خىل ھۈجەيرە سىرتقى ئاساسىي ماددىسى (يەنى ئاقسىل قاتارلىق مولېكۇلالاردىن تەركىب تاپقان تور) دىن تۈزۈلگەن يىلىمنى لايىھەلەپ چىققان بولۇپ، ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ يورۇتۇشى بىلەن تېز سۈرئەتتە قانىغان ئورۇننى قاتۇرالايدىكەن. تەجرىبىخانىدا قانات يايدۇرۇلغان دەسلەپكى ھايۋانات تەجرىبىسىدە، بۇ خىل سۇ يىلىمى تېز سۈرئەتتە چوشقا جىگىرىدىكى كەڭ كۆلەملىك يارا ئېغىزىنى ئېتىۋەتكەن بولۇپ، ئارقىدىن تەتقىقاتچىلار يەنە بىر گۇرۇپپا چوشقا تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى ئارقىلىق بۇ خىل سۇ يىلىمىنىڭمۇ چوشقىنىڭ يۈرىكىنى تېشىپ ئۆتىدىغان جاراھەت ئېغىزىنى تېز سۈرەتتە ئېتىش بىلەن بىرگە قاناشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئەمما، بۇ تەتقىقاتلار پەقەت بەدەندىكى ئۈنۈملۈكلىك ۋە بىخەتەرلىكنىڭ دەسلەپكى دەلىللىشى بولۇپ، تەتقىقاتچىلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كىلىنىكىدىن بۇرۇنقى تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، بۇ خىل سۇ يىلىمىنىڭ زەھەرلىك ياكى ئەمەسلىكىنى باھالاش ئارقىلىق، كەلگۈسىدە ئادەم بەدىنىگە بىخەتەر ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

جېجياڭ داشۆسىنىڭ دوكتور ئاشتىسى خوڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۇ خىل يېڭى تىپتىكى ماتېرىيالنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرغىلى بولىدۇ، ئىشلىتىشكە قولايلىق، تېز سۈرئەتتە قان توختىتىش، ئوچۇق ئوپېراتسىيە ۋە مىكرو زەخمىلىك ئىچكى بوشلۇق ئەينىكى ئوپېراتسىيەسىدە قان توختىتىش شۇنداقلا جاراھەت ئېغىزىنى ئېتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى ياخشى قوللىنىش ئىستىقبالىغا ئىگە».

未标题-1.jpg
1124493813_15578500470191n.jpg
1124493783_15578501147311n.jpg