بىلەمسىز؟ يانفون 46 ياشقا كىردى!
0
2019-06-05 15:54:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

تۇنجى ئىشلەتكەن يانفونىڭىز يادىڭىزدىمۇ؟

كىچىك زېرەك؟ چاڭخوڭ؟ سامسۇڭ؟ موتورولا؟ نوكىيا؟ iPhone؟

ھاھا، بۇ يىل يانفون 46 ياشقا كىردى! ئۆزىڭىز ئىشلەتكەن تۇنجى يانفون ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئۇ چاغدا سىز بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەنغۇ دەيمەن.

[يانفوننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخى]

1973-يىلى 4-ئايدا، بىر ئەر نيۇيورك كوچىسىدا تۇرۇپ، تارىختىكى تۇنجى كۆچمە تېلېفوندا تېلفون قىلدى، ئۇ چاغدا كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا «يانفون» دېگەن سۆز يوق ئىدى.

1983-يىلى 6-ئايدا، موتورولا شىركىتى دۇنيادىكى تۇنجى سودا يانفونى موتورولا Dyna TAC 8000X نى بازارغا سالدى، سېتىلىش باھاسى 3995 دوللار بولدى.

1987-يىلى، تۇنجى نۇسخا يانفون موتورولا 3200 جۇڭگو بازىرىغا رەسمىي كىردى. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ كۆپچىلىككە تېخىمۇ تونۇش بولغان بىر نامى بار، ئۇ دەل «داگېدا»! ئۇنىڭ باھاسى ئون مىڭ يۈەنگە بارىدىغان بولۇپ، ئادەتتىكى كىشىلەر سېتىۋالالمايتتى.

1988-يىلى «بېيجىڭ كەچلىك گېزىتى» مۇنداق بىر پارچە خەۋەر ئېلان قىلدى، «جامائەت تېلېفون تورى بۈگۈندىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ»، بېيجىڭ يانفون دەۋرىگە قەدەم قويۇشقا باشلىدى!

90-يىللارنىڭ باشلىرىدا، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئاممىۋى تېلېفون بوتكىسى ۋە چاقىرغۇ تېخىمۇ مودا ئىدى، شۇ چاغدىكى مودا ئەر-ئاياللار ئىشتانبېغىغا بۇ «BB جى» نى ئېسىۋالسا، شۇ كوچىدىكى ئەڭ جەلپكار ياشنىڭ ئۆزىلا بولاتتى.

چاقىرغۇنىڭ سۆز قالدۇرۇش ئىقتىدارى يەنە «رەقەملىك كۆڭۈل ئىزھار قىلىش» تارىخىنى ياراتتى!

مەسىلەن:

3155530 - سىزنى سېغىندىم

520 - مەن سىزنى سۆيىمەن

000 - سۆيىشەيلىچۇ

1955-يىلى، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا تۇنجى نۇسخا GSM يانفون پەيدا بولدى، ئۇ دەل ئېرىكسون GH337.

شۇ يىلى، تۇنجى نۇسخا ياپقۇچلۇق يانفون موتورولا 8900 ۋە 9900 بارلىققا كەلدى!

1996-يىلى كۆچمە تېلېفونلار پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كەزمە مۇلازىمەت يولغا قويۇلۇپ، خەلقئارا كەزمە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش باشلاندى.

1998-يىلى، نوكىيا تۇنجى ئويۇن ئوينىغىلى بولىدىغان يانفون - نوكىيا خامېلېئون 6110 نى بازارغا سالدى. بۇ يانفوندا ئۈچ خىل ئويۇن بار: ئاچكۆز يىلان، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، لوگىكىلىق پەرەز. سىز مەن ئاچكۆز يىلاننى ئويناپ باقمىغان دېيەلەمسىز؟

1999-يىلى، موتورولا شىركىتى تۇنجى نۇسخا قاتلىنىدىغان يانفون «ئالىقاندىكى گۆھەر» 328 نى بازارغا سالدى؛ ئېرىكسون تۇنجى نۇسخا سۇ ئۆتۈپ كېتىشتىن، چاڭ-توزاندىن ۋە سىلكىنىشتىن ساقلايدىغان يانفون R250 نى بازارغا سالدى؛ نوكىيا تۇنجى نۇسخا ئىچىگە ئانتېننا ئورنىتىلغان يانفون تىپى 3210 نى بازارغا سالدى؛ جۇڭگو يانفون بازىرىدا 波导بوداۋدىن ئىبارەت قارا تۇلپار پەيدا بولدى!

2000-يىلى، چاقىرغۇ بىلەن پوچتا ماركىسى پېنسىيەگە چىقتى، نوكىيا شىركىتى تۇنجى نۇسخا WAP يانفونى 7110 نى بازارغا سېلىپ، تۇنجى قېتىم يانفون بىلەن ئالاقە تورىنى تۇتاشتۇردى؛ موتورولا شىركىتى سىمسىز تورغا چىقىشنى قوللايدىغان A6188 يانفونىنى بازارغا سالدى، بۇ يانفون پۈتۈن دۇنيادىكى تۇنجى سېزىمچان ئېكرانلىق يانفون!

2001-يىلى ئېرىكسون تۇنجى نۇسخا رەڭلىك ئېكرانلىق يانفون T68 نى بازارغا سالدى! يانفونلار رەڭسىز ئېكران بىلەن خوشلاشتى، رەڭلىك ئېكران دەۋرى يېتىپ كەلدى!

2002-يىلى، نوكىيا 7650 دۇنياغا كەلدى، بۇ تۇنجى نۇسخا سىمبىيان سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن ئەقلىيفون، تۇنجى نۇسخا كامېرا ئورنىتىلغان يانفون، تۇنجى نۇسخا سىيرىلما قاپقىلىق يانفون، شۇنداقلا تۇنجى نۇسخا بەش ئۆلچەملىك تەۋرەنمە پىشاڭلىق يانفون! ئۇ چاغدا بۇ يانفوننى سېتىۋالالىغانلار قالتىس كشىلەر سانىلاتتى.

2003-يىلى نوكىيا 1100 نى بازارغا سالدى، بۇ يانفون تارىختىكى ئەڭ بازارلىق يانفون بولۇپ قالدى! بۇ يانفون 2003-يىلى دۇنيا بويىچە جەمئىي 200 مىليون دانە سېتىلدى!

لېكىن بۇ بىر يىلدا، جۇڭگو يانفون بازىرىنىڭ چېمپىيونى نوكىيا ئەمەس، بەلكى بوداۋ يانفونى! شۇ يىلى يانفونغا مۇناسىۋەتلىك بىر كىنو قويۇلدى، ئۇ كىنونىڭ ئىسمىمۇ «يانفون».

2004-يىلى موتورولا ئەڭ ئاخىرقى شانلىق پەيتىنى كۈتىۋالدى.

2005-يىلى سامسۇڭ سىيرىلما قاپقىلىق لوڭقىسىمان يانفون D508 نى بازارغا سالدى، يېپىلىدىغان يانفونلار مودىدىن قالدى، مودا قوغلىشىدىغانلار سىيرىلما قاپقاققا كۆچتى!

پۇل تېجەشتە داڭق چىقارغان كىچىك زېرەك جۇڭگونىڭ كۆپ جايلىرىدا بازارغا سېلىنىپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئەينى يىللاردىكى ئەڭ بازارلىق مەھسۇلات بولۇپ قالدى!

شۇ يىلى «دەرىجىدىن تاشقىرى قىزلار ئاۋازى» پىروگراممىسى باشلاندى!

سىز ئاتا-ئانىڭىزنى يانفونىدا ئوغرىلىقچە ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ناخشىچىغا بېلەت تاشلىدىڭىزمۇ-يوق؟

2006-يىلى دۆلىتىمىزدە ھەر يۈز ئادەمگە 33.9 دانە يانفون توغرا كەلدى. نوكىيا N73 ۋە 5300 بازارغا سېلىنىشى بىلەن، بۇ ئىككى يانفون تېزلا ئەڭ بازارلىق يانفونغا ئايلاندى! «神州行,我看行جۇڭگو كېزەر ھەقىقەتەن ياخشىكەن» دېگەن ئېلان سۆزى ھازىرمۇ ئېسىڭىزدىمۇ؟

2007-يىلى نوكىيا N95 نى بازارغا سېلىپ، ئەڭ ئاخىرقى شانلىق دەۋرنى كۈتۈۋالدى. شۇ يىلى ئالما شىركىتى iPhone نى بازارغا سالدى.

2008-يىلى يانفوندا ھەق تۆلەش كەسپى ئېچىۋېتىلدى! ئالما شىركىتى ئىككىنچى ئەۋلاد iPhone3G نى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئەقلىيفون دەۋرى رەسمىي يېتىپ كەلدى!

2009-يىلى جۇڭگو رەسمىي ھالدا 3G دەۋرىگە كىردى، داشۆلەردە، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش 3G كارتىسى يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سوۋغىسى بولۇپ قالدى. خۇاۋېي ئۆزىنىڭ تۇنجى 3G يانفونى U8220 بازارغا سالدى.

2010-يىلى iPhone4 بارلىققا كەلدى!

خۇاۋېي C8500 نى ئېلان قىلدى، بۇ يانفون جۇڭگو تېلېگرافى تۇنجى تۈركۈمدە بازارغا سالغان مىڭ يۈەنلىك تيەنيى 3G ئەقلىي يانفونى! شۇ يىلى، خۇاۋېي ئاتامانى رېن جېڭفېي دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى يانفوننى ئىشلەپچىقىرىمىز دېدى.

2011-يىلى گۇگول شىركىتى موتورولانى سېتىۋالدى؛ شياۋمى يانفونى رەسمىي ئېلان قىلىندى؛ «ئالما ئاتىسى» ئالەمدىن ئۆتتى؛ نوكىيا ئەڭ ئاخىرقى بىر نۇسخا يانفوننى ئېلان قىلدى؛ vivo ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇزىكا يانفونى vivo V1 نى ئېلان قىلدى. بۇ يىل بىرەيلەن ئالما يانفونى ئۈچۈن بىر بۆرىكىنى ساتتى.

2012-يىلى خۇاۋېي يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone5 نى ئېلان قىلدى، خۇاۋېي سامسۇڭ ۋە ئالمىدىنلا كېيىن تۇرىدىغان دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ ئەقلىيفون شىركىتىگە ئايلاندى. OPPO تۇنجى نۇسخا گۈزەل چىراي ئەقلىيفونىنى بازارغا سالدى! بۇ بىر يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ شياۋمى قاتارلىق يانفون ماركىلىرى قەد كۆتۈرۈپ، «تاغ تۇرا» يانفونلىرىنىڭ دەۋرى ئاياغلاشتى.

2013-يىلى 4G دەۋرى كەلدى! ئۈندىداردا پۇل تۆلەش رەسمىي ئەمەلگە ئاشتى، ئالىپاي ھەممىگە تونۇلۇپ كەتتى. بۇ بىر يىلدا يائەندە يەر تەۋرىدى، ساناقلىقلا كۈنى قالغان نوكىيا بۇ قېتىملىق ئاپەتكە بىر مىليون يۈەن ۋە نەچچە مىڭ يانفون ئىئانە قىلدى، بۇ خەۋەر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ QQ بوشلۇقىنى بىر ئالدى. شۇ يىلى، مىكروسوفت نوكىيانى سېتىۋالدى.

2014-يىلى ئالما شىركىتى iPhone6 نى بازارغا سالدى، بۇ يىل خۇاۋېي Mate7 نى ئېلان قىلدى.

2016-يىلى، ئالما شىركىتى iPhone7 نى ئېلان قىلدى، يەنىلا سان-ساناقسىز كىشىلەر يېڭى ئايفون ئۈچۈن ئۆچىرەت تۇرۇشتى! شۇ يىلى كەمىنە ئاخىرى iPhone6 نى ئىشلىتەلىدىم! 2017-يىلى ئالما شىركىتى iPhone8 ۋە iPhoneX نى ئېلان قىلدى.

2018-يىلى، ئالما شىركىتى iPhone Xs يانفونى، iPhone Xs Max ۋە iPhone XR نى ئېلان قىلدى. بىراق سېتىۋالىدىغان تۈزۈك خېرىدار چىقمىدى، ئۇزۇن ئۆچىرەت تۇرىدىغان ئىشمۇ قايتا يۈز بەرمىدى!

2018-يىلى بولقا تېخنىكىسى ئەڭ يېڭى بايراقدار يانفون قاتتىق مېۋە R1 نى ئېلان قىلدى! بۇ چاغدىكى خۇاۋېي ئاللىقاچان جۇڭگودىكى بىرىنچى چوڭ ماركىغا ئايلاندى، بۇ يىلى خۇاۋېي يانفونلىرىنىڭ يىللىق سېتىلىش مىقدارى 208 مىليون دانىگە يېتىپ، ئالما شىركىتىدىن ئېشىپ كەتتى.

2019-يىلى خۇاۋېي تۇنجى نۇسخا 5G قاتلىنىدىغان يانفون HUAWEI Mate X نى ئېلان قىلدى؛ خۇاۋېي يەنە كامېرانىڭ ئەڭ قاتىلى سەپلەنگەن خۇاۋېي P30 نى ئېلان قىلدى.

يانفون 46 ياشقا كىرىپ بولدى! بىز 5G تېخنىكىسىغا ئىنتىزارمىز، ئەڭ يېڭى يانفون دەۋرىگە ئىنتىزارمىز، ھەرىكىتىڭنى داۋاملاشتۇر جۇڭگو!

U020190531615186055933.jpg
U020190531616170688575.jpg