مېسسى: مېنىڭ ئىككى ئوغلۇم ماڭا ئوخشىمايدۇ
0
2019-06-05 16:10:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

مېسسى «فوكس تەنتەربىيىسى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئىككى ئوغلى توغرىسىدا سۆزلىگەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ دائىم سۇئارېز بىلەن بىللە بارسېلونانىڭ مەشىق بازىسىدا بالىلارنىڭ مەشىقىنى كۆرىدىغانلىقىنى، ئىككى ئوغلىنىڭ ئۆزىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئىككى ئوغلىنىڭ ئوڭ پۇتچى (ئاساسلىق ئوڭ پۇتى بىلەن توپ تېپىدىغان) ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئۇ زىيارەتتە: «ئىككى ئوغلۇم كۇلۇبنىڭ كىچىك مەكتىپىدە. كۇلۇب توپچىلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە بىر گۇرۇپپا قۇرۇپ بەرگەن ئىدى. بىز بالىلىرىمىزنى بۇ كىچىك مەكتەپكە كىرگۈزەلەيمىز» دېگەن.

زىيارەتتە بىرەيلەن مېسسىغا چاقچاق قىلىپ، بارسېلونانىڭ مېسسىنىڭ بالىلىرىنى كۇلۇبنىڭ كىچىك مەكتىپىگە ئاسانلا كىرگۈزۈۋەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقاندا مېسسى: «ئۇنداق ئەمەس، مەن باشقىلار بىلەن ئوخشاش. چوڭ ئوغلۇم تىياگونىڭ كىرگىنىگە ئىككى يىل بولدى، ماتېئونىڭ كىرگىنىگە بىر يىل بولدى ئۇ ھەم ناھايىتى خۇشال. مەن بالىلىرىم بىلەن بىللە كوماندىغا بېرىشنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن.

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ سۇئارېز بىلەن بىللە بالىلارنىڭ مەشىقىنى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ: «بىز دائىم بالىلارنىڭ مەشىقىنى كۆرگىلى بارىمىز، بالىلار دۈشەنبە كۈنى ۋە پەيشەنبە كۈنى مەشىق قىلىدۇ، سۇئارېزنىڭمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بىلەن تەڭ ياشتا بىر ئوغلى بار، بىزنىڭ بالىلىرىمىز بىللە مەشىق قىلىدۇ» دېگەن.

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بۇ ئىككى ئوغلىنىڭ ئۆزىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بولسا سول پۇتچى (ئاساسلىق سول پۇتى بىلەن توپ تېپىدىغان) ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىككى ئوغلىنىڭ بولسا ئوڭ پۇتچى (ئاساسلىق ئوڭ پۇتى بىلەن توپ تېپىدىغان) ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

U020190531615186055933.jpg
U020190531616170688575.jpg