كېنەز خانىمى كەيت سالاپەتلىك ياسىنىپ دۆلەت زىياپىتىگە قاتناشتى
0
2019-06-05 16:14:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 3-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كېنەز خانىمى كەيت داڭلىق كىيىم لايىھىلىگۈچى ئالىكساندىر ماككىۋىن (Alexander McQueen) لايىھىلىگەن ئاق رەڭلىك مۇراسىم كىيىمىنى كىيىپ، بېشىغا تاج تاقاپ بېرمىنھام ئوردىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت زىياپىتىگە قاتناشقان.

نەق مەيداندا تارتىلغان سۈرەتلەردىن قارىغاندا، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئەنگلىيەگە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئۈچۈن كەلگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن بۇ ھەشەمەتلىك زىياپەتكە شاھزادە ۋىليام، كېنەز خانىمى كەيت، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرىسا مېي ۋە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سىتىۋىن قاتارلىقلار قاتناشقان بولۇپ، كېنەز خانىمى كەيت بۇ قېتىمقى دۆلەت زىياپىتىگە قاتناشقان مېھمانلار ئىچىدىكى مودا كىيىم مۇتەخەسسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ شۇ كۈنكى ياسىنىشى كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتكەن.

كېنەز خانىمى كەيت شۇ قېتىمقى زىياپەتكە چېچىنى تۈگۈپ، ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاجغا كۆك ياقۇت ھالقىسىنى ماسلاشتۇرۇپ تاقاپ، داڭلىق كىيىم لايىھىلىگۈچى ئالىكساندىر ماككىۋىن لايىھىلىگەن ئاق رەڭلىك مۇراسىم كىيىمىنى كىيىپ قاتناشقان، كېنەز خانىمى كەيتنىڭ ناھايىتى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغان گىرىمى ئۇنىڭ ئېسىلزادە ھەم ئاقسۆڭەكلەرگە خاس سالاپىتىنى تولۇق نامايەن قىلىپ بەرگەن. كېنەز خانىمى كەيت شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن زىياپەتكە تۇنجى قېتىم بەل تاسمىسىغا ۋىكتورىيە خان جەمەتىنىڭ كىرىست شەكىللىك ئوردېنىنى تاقاپ قاتناشقان بولۇپ، بۇ ئوردېننى ئايال پادىشاھ بۇ يىل 4-ئايدا ئۇنىڭ ئەنگلىيەگە قوشقان تۆھپىسىنى تارتۇقلاش ئۈچۈن بەرگەنىدى.

شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت زىياپىتىگە ئەنگلىيە خان جەمەتىدىكىلەردىن باشقا يەنە تىرامپ ۋە ئۇنىڭ تۆت بالىسىمۇ قاتناشقان.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ زىياپەتتە ئەنگلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ ئۆزلىرىنى قىزغىن قارشى ئالغانلىقى شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن بولغان 70 يىلغا يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

غەلىتە يېرى شۇكى، شاھزادە خاررى ۋە خانىمى مېگان قاتارلىقلار ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئۆتكۈزگەن بۇ قېتىمقى دۆلەت زىياپىتىگە قاتناشمىغان.

U020190531615186055933.jpg
U020190531616170688575.jpg