سىبىرىيەدىن 10 مىڭ يىل بۇرۇن نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ئۆڭكۈر شىرىنىڭ جەستى تېپىلدى
0
2019-06-05 16:25:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ياپونىيە NHKنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە ۋە ياپونىيە تەتقىقات ئەترىتى سىبىرىيەدىكى مەڭگۈلۈك توڭ تۇپراقتىن نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ئۆڭكۈر شىرى بالىسىنىڭ جەسىتىنى بايقىغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ جەسەت ناھايىتى مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يىراق قەدىمكى دەۋرنىڭ مەخپىيىتىنى ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە توكيو مېھرىبانلىق جەمئىيىتى تېببىي داشۆسىدىكى تەتقىقاتچىلار ئەترىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇر 7-ئايدا ئۇلار سىبقرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىدىكى دەريا بويىدا مەڭگۈلۈك توڭ تۇپراق قەۋىتىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا ئىلگىرى ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدا ياشىغان، 10 مىڭ يىل بۇرۇن نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ئۆڭكۈر شىرى ئارسلىنىنىڭ جەسىتىنى بايقىغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئۆڭكۈر شىرى ئارسلىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 40 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 800 گىرام، يېڭىلا تۇتۇلغان ئەركەك شىر ئىكەن. پەرەز قىلىنىشىچە، ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى 30 مىڭ يىل بۇرۇنقى ۋاقىتقا توغرا كېلىدىكەن. بۇ گەرچە سىبىرىيەدىن تېپىلغان تۆتىنچى ئۆڭكۈر شىرى بولسىمۇ ئەمما بۇ شىر ئارسلىنىنىڭ جەسىتىدە تۈكلىرىدىن باشقا مېڭە، ئۆپكە، يۈرەك قاتارلىق ئەزالىرى ناھايىتى ياخشى ساقلانغان بولغاچقا قارىماققا خۇددى ئۇخلاپ قالغاندەكلا كۆرۈنىدىكەن. بۇندىن باشقا تەتقىقات ئەترىتى شۇ ئەتراپتىن 30 مىڭ يىل بۇرۇنقى بۆرىنىڭ بېشىنى بايقىغان. بۇ باشتا سۆڭەك ۋە مۇسكۇل بولۇپلا قالماي ھەتتا كۆز ئالمىسى ۋە تىلىمۇ ياخشى ساقلانغان.

توكيو مېھرىبانلىق جەمئىيىتى تېببىي داشۆسىنىڭ پروفېسسورى سۇزۇكى نائوكى بىلدۈرۈپ: «بۇ بىز تۇنجى قېتىم بايقىغان مۇكەممەل ساقلانغان ئۆڭكۈر شىرى جەسىتى. بۇ ئارقىلىق قەدىمكى جانلىقلار ئېكولوگىيەسىدىكى سىرلارنى يېشىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.

U020190531615186055933.jpg
U020190531616170688575.jpg